نورۋېگىيەدە ئۇيغۇر، تىبەت ۋە يېڭىدىن قۇرۇلغان خوڭكوڭ كومىتېتى بىرلەشمە يىغىن ئاچتى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019-08-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
نورۋېگىيەدە ئېچىلغان ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭ كومىتېتلىرىنىڭ بىرلەشمە يىغىنىغا قاتناشقان بىر قىسىم پائالىيەتچىلەر. 2019-يىلى 28-ئاۋغۇست. نورۋېگىيە.
نورۋېگىيەدە ئېچىلغان ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭ كومىتېتلىرىنىڭ بىرلەشمە يىغىنىغا قاتناشقان بىر قىسىم پائالىيەتچىلەر. 2019-يىلى 28-ئاۋغۇست. نورۋېگىيە.
Norwégiye Uyghur komitéti

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى قۇرۇلغاندىن بۇيان نورۋېگىيە تىبەت كومىتېتى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا ئۇلار يەنە نورۋېگىيەدە يېڭىدىن قۇرۇلغان نورۋېگىيە خوڭكوڭ كومىتېتى بىلەنمۇ ئالاقە ئورناتقان. 28-ئاۋغۇست كۈنى نورۋېگىيەدىكى بۇ 3 تەشكىلاتىڭ تۇنجى قېتىملىق بىرلەشمە يىغىنىنى ئۆتكۈزگەن.

بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى يەنە بىرلەشمە يىغىندىن كېيىن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ تورىدا بۇ ئۈچ تەشكىلاتنىڭ بىرلەشمە باياناتى ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. 

نورۋېگىيە خوڭكوڭ كومىتېتىنىڭ رەئىسى جېسسىكا چۈي خانىم ئۆز بايانىدا 28-فېۋرال كۈنى نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى، نورۋېگىيە تىبەت كومىتېتى ۋە يېڭىدىن قۇرۇلغان نورۋېگىيە خوڭكوڭ كومىتېتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق بىرلەشمە يىغىن ئۆتكۈزۈپ، بۇندىن كېيىنكى ئورتاق خىزمەت پىلانلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

مەلۇم بولۇشىچە، بىرلەشمە يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت ئاپتونوم رايونلىرىدا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئاتالمىش «ئاپتونومىيە» سىنىڭ پۈتۈنلەي قەغەز يۈزىدىكى ساختا ئاپتونومىيە ئىكەنلىكى، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە باشقا ھەرقانداق بىر ئۆلكە ۋە رايونلىرىغا قارىغاندا ئەڭ ئېغىر دەرىجىدىكى ئېتنىك باستۇرۇش يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى، خوڭكوڭلۇقلارغا ۋەدە قىلىنغان «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» نىڭمۇ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە «ئېتى ئۇلۇغ سۇپۇرىسى قۇرۇق» بىر تۈزۈمگە ئايلىنىپ قالغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

نورۋېگىيە خوڭكوڭ كومىتېتىنىڭ رەئىسى جېسسىكا چۈي خانىم بۈگۈن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يىغىندا بۇ ئۈچ تەشكىلاتنىڭ قىسقا مۇددەتلىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك بىرلەشمە پىلان تۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ 3 تەشكىلات بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلىرىدە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ رېجىمى ئاستىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭ رايونلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىش ئىرادىسىگە كەلگەن ئىكەن.

جېسسىكا چۈي خانىم يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ رېئال ئەھۋالى نۇرغۇنلىغان خوڭكوڭلۇقلاردا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەدە قىلغان «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» سىياسىتىنىڭ خوڭكوڭدا داۋاملىق ساقلىنىپ قېلىشىغا بولغان ئىشەنچىنى يوققا چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى. نۆۋەتتە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدا قانۇن ئۆزگەرتىش پىلانىغا قارشى نارازىلىقىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق خوڭكوڭدا ھەقىقىي دېموكراتىيىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 28-ئاۋغۇستتىكى تۇنجى قېتىملىق بىرلەشمە يىغىندا خوڭكوڭلۇقلارنىڭ نارازىلىق نامايىشىنى قوللاش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساختا «ئاپتونومىيە» ۋىۋىسكىسىنى كۆتۈرۈۋېلىپ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ئۈستىدىن يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ئىچ يۈزىنى نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ئاڭلىتىش قاتارلىقلار مۇھىم مۇزاكىرە تېمىسى بولغان. 

مەزكۇر بىرلەشمە يىغىنغا قاتناشقان نورۋېگىيە تىبەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى تسومو خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ تەسىراتلىرىنى ئاڭلاتتى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتلىرىدا ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە ئاتالمىش «ئاپتونومىيە» بەرگەنلىكىنى داۋراڭ سالسىمۇ، ئەمما قەغەز يۈزىدىكى بۇ ئاتالمىش «ئاپتونومىيە» نىڭ تىبەتلەر تەلەپ قىلىۋاتقان ئالىي ئاپتونومىيىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

تسومو خانىم خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ رېجىمى ئاستىدا تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقاچان ھەقىقىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئېرىشىپ باقمىغانلىقىنى، بەلكى بۇ يىللاردا ئەڭ ئېغىر دەرىجىدىكى باستۇرۇشنىڭ نىشانى بولۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ دۇنيا جامائىتىنىڭ خىتاي رېجىمى ئاستىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەر ئۇچراۋاتقان زۇلۇملاردىن خەۋەردار بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە نۆۋەتتىكى رېئال ۋەزىيەتنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن 4 تەشكىلاتنىڭ بىرلىكتە پىلان تۈزۈش ۋە ھەمكارلىشىپ ئەمەلىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ئىدارە ھەيئەتلىرىدىن بولغان خەلچەم خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ 3 تەشكىلاتنىڭ 28-ئاۋغۇست ئېچىلغان تۇنجى قېتىملىق بىرلەشمە يىغىنى ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

خەلچەم خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىملىق بىرلەشمە يىغىندا لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنى داۋاملىق تىزىملاپ ئارخىپلاشتۇرۇش، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ نارازىلىق نامايىشىنى قوللاپ نامايىش ئۇيۇشتۇرۇش، سىنئالغۇ فىلىملىرىنى ئىشلەپ تارقىتىش، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىگە دائىر قولغا چۈشكەن ھۆججەت-ماتېرىياللارنى نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىغا يەتكۈزۈش قاتارلىق كونكرېت مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت