بۇرسا شەھەر باشلىقى ئېلىنۇر ئاقتاش ئەپەندى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى يوقلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019-08-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
بۇرسا شەھەر باشلىقى ئېلىنۇر ئاقتاش ئەپەندى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى يوقلىدى. 2019-يىلى 19-ئاۋغۇست، تۈركىيە.
بۇرسا شەھەر باشلىقى ئېلىنۇر ئاقتاش ئەپەندى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى يوقلىدى. 2019-يىلى 19-ئاۋغۇست، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان بەزى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاسپورتىنىڭ مۇددىتى توشۇپ قالغان بولسىمۇ ئەمما خىتاي ئۇلارنىڭ پاسپورتىنى ئۇزارتىپ بەرمەيۋاتقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئاتا-ئانىلىرى بىلەنمۇ ئالاقە قىلالماي ئەندىشە ئىچىدە ياشاۋاتقان پەيتتە تۈركىيەنىڭ غەربىي رايونىغا جايلاشقان تۈركىيەنىڭ ئالتىنچى چوڭ شەھىرى بولغان بۇرسا شەھىرى باشلىقى ئېلىنۇر ئاقتاش ئەپەندى «ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۆيى» گە بېرىپ بۇرسادا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن ھال سورىغان.

19-ئاۋغۇست كۈنى بۇرسا شەھەر باشلىقى ئېلىنۇر ئاقتاش ئەپەندى باشچىلىقىدىكى شەھەرلىك ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بۇرسادا ئوقۇۋاتقان 120 ئوقۇغۇچى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۆيى» گە بېرىپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن ھال سورىغان. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇلارغا ۋەتىنىدىكى ئېغىر ۋەزىيەتنى ئاڭلاتقاندىن سىرت تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇھاجىر زىننەتگۈلنى تاجىكىستان ئارقىلىق خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ ئەنسىرەشكە باشلىغانلىقىنى، بەزى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاسپورتىنىڭ مۇددىتى توشۇپ قالغان بولغاچقا تۈركىيەدە زور قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

بۇرسا شەھەر باشلىقى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلىسىنى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەل قىلالايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ شەھەر باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ مەسىلەڭلار، ئەسلىدە بىزنىڭمۇ مەسىلىمىز. بۇ ھۆكۈمەت ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە، بىزنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرىمىز بىلەن بولىدىغان ئىش ئەمەس. بۇ يەردە بىز شەھەرلىك ھۆكۈمەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قىلالايدىغان ئىشىمىز، سىلەرنىڭ مەدەنىيىتىڭلارنى قوغداش ۋە تونۇتۇش، سىلەرگە ئىگە چىقىشتىن ئىبارەت. ئەسلىدە قىلىشقا تېگىشلىك ئىش ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان زۇلۇمنى يوق قىلىش. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھۆكۈمەتلەر ئىستراتېگىيە تۈزۈشى كېرەك».

بۇرسا شەھىرىدىكى ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتى سەنئەت فاكۇلتېتى پروفېسسورى، تۈرك دۇنياسى مۇزىكا تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور ئەردەم ئۆزدەمىر ئەپەندىمۇ بۇرسا شەھەر باشلىقى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن ھال سورىغان. ئۇ، بىزگە بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ۋە بىزنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكىلىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن تۈرك دۇنياسىنىڭ قەلبى بولغان شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلىلىرىنى، دەرتلىرىنى ئاڭلاش، شۇنداقلا كەچ قالغان بولساقمۇ ئۇلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن باردىم. بۇرسا ئەڭ كۆپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار كېلىپ ئوقۇيدىغان شەھەر بولۇپ قالدى. ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى شەرت-شارائىت يارىتىپ بەردى. ھازىر ئۇنىۋېرسىتېتىمىزغا 120 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىمتىھان ئالماي قوبۇل قىلىندى. ئەپسۇسكى بۇلارنىڭ كۆپى ھازىر ئاتا-ئانىلىرى بىلەن ئالاقە قۇرالمايۋاتىدۇ. پۈتۈنلەي بۇرسا خەلقىنىڭ بۇرسادىكى ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ ياردەم قىلىشى بىلەن تۇرمۇشىنى قامداۋاتىدۇ».

ئەردەم ئۆزدەمىر ئەپەندى بۈگۈن بۇرسا شەھەر باشلىقى ئېلىنۇر ئاقتاش ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن شەھەر باشلىقىمىز ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ئاڭلىدى. مەسىلەن بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاسپورتىنىڭ مۇددىتى توشۇپ كېتىپتۇ. ھەقسىز داۋالىنىشتا قىيىنچىلىقلىرى بار ئىكەن، بەزى ئوقۇغۇچىلار چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار قاتارىدا مەكتەپكە ئوقۇش پۇلى تۆلەشكە مەجبۇر قېلىۋېتىپتۇ. بۇ قىيىنچىلىقلىرىنى ئاڭلاتتى. بۇرسا شەھەر باشلىقى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى، مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرگە بۇلارنى دەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ ئۇچرىشىشتىن بىزمۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ خۇرسەن بولدى».

تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار يىلدىن يىلغا كۆپەيمەكتە. بۇرسا شەھىرىدىكى ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان 120 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ۋەكىلى ئابدۇقادىر ئابدۇكېرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپى ئائىلىسىگە تېلېفون قىلىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ سالامەتلىكىنىمۇ بىلەلمەيۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەنىڭ غەربىي رايونىغا جايلاشقان بۇرسا شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقىنىڭ «ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۆيى» گە كېلىپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن ھال سوراش بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيەدە دۇچار بولۇۋاتقان قىيىنچىلىقلىرىنى ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇرسا شەھىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆپ شەھەرلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز يۇرتىغا بولغان سېغىنىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن بۇرسا ئوسمانغازى ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئۇلارغا «ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۆيى» ئېچىپ بەرگەن.

زىننەتگۈل تۇرسۇننىڭ تاجىكىستان ئارقىلىق خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى دەلىللەنگەندىن كېيىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئەندىشىسى كۈچىيىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئابدۇلقادىر ئابدۇكېرىم بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاسپورتىنىڭ مۇددىتىنىڭ توشۇپ قالغانلىقىنى، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇلارنىڭ پاسپورتلىرىنى ئۇزارتىپ بېرىشنى رەت قىلغانلىقى، پاسپورتنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئۇلارنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇش رۇخسىتى، يەنى قامەت ئېلىشتا قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ كۈچىيىشى ھەمدە زىننەتگۈل ۋەقەسىدىن كېيىن تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق، كۆپ ساندىكى تېخى ئىقامەتلىرى، يەنى قانۇنلۇق تۇرۇش رۇخسەتنامىلىرى ھەل بولمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ، ھەتتا بىر قىسىم ئوقۇش مەقسىتىگە كېلىپ ئىقامەتسىز قالغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭمۇ تۈركىيە ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلىشىدىن ئەنسىرەش خاھىشى پەيدا بولۇۋاتقانلىقى ئىنكاس قىلىنماقتا.

بۇرسادىكى «ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۆيى» بۇ يىل 6-ئايدا ئېچىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تونۇتۇش ئۈچۈن ئۆينىڭ ئىچى ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرى، ئۇيغۇر زىننەت بۇيۇملىرى بىلەن بېزەلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت