ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ رېياللىقى ئەندىشە قوزغىماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2020-01-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشى ئۈچۈن ئىمزا قويۇش پائالىيىتى تەشكىللىگەن مۇنىرە ئابدۇغېنى ۋە يولدىشى ئىلياس راخمان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشى ئۈچۈن ئىمزا قويۇش پائالىيىتى تەشكىللىگەن مۇنىرە ئابدۇغېنى ۋە يولدىشى ئىلياس راخمان.
Social Media

ئۇيغۇر رايونىدا كۈنسېرى جىددىيلىشىۋاتقان سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ تەسىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالى ۋە تۇرمۇشىغا زور تەسىر كۆرسەتمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى، يىغىۋېلىش لاگېرلىرى تۈزۈلمىسى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈۋېتىلىشى قاتارلىق سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلى ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىلگەن، ئىقتىسادىي ئىمكانىيەتلىرىدىن مەھرۇم قالغان ئاياللارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ماددىي ۋە مەنىۋى قىيىنچىلىقلار تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولماقتا.

يېقىندا «ھىرا» مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ۋەخپى، ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ ۋە سەفاكۆي رايونلىرىدا ئولتۇرۇشلۇق 200 دىن ئارتۇق ئايالنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق بىر قىسىم مەلۇماتلارغا ئىگە بولغان. ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، تۈرمىگە سولانغان، يوقاپ كەتكەن ۋە قايتۇرۇۋېتىلگەنلەر بولۇپ جەمئىي 15 پىرسەنت ئايالنىڭ ئائىلىسى سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلى پارچىلانغان. زىيارەت قىلىنغان ئاياللارنىڭ 93 پىرسەنتىنىڭ پەرزەنتى بار بولۇپ، 29 پىرسەنتىنىڭ پەقەتلا كىرىمى يوق، 34 پىرسەنتىنىڭ بولسا ئايلىق كىرىمى 200 دوللارغىمۇ بارمايدىكەن. ئىستاتىستىكا جەريانىدا 50 پڭرسەنت ئايالنىڭ ئىشسىز ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن جەمئىيەتشۇناس، دوكتور دىلنۇر رەيھان خانىمنى زىيارەت قىلدۇق. دىلنۇر رەيھان خانىم ئاياللار مەسىلىسىنىڭ مۇھىملىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشى ۋە ساغلاملىقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئاياللار بىر مىللەتنىڭ ئاساسىدۇر. ئاياللارنىڭ ئەھۋالى ياخشىلانمىسا جەمئىيەتنىڭ ئەھۋالى ياخشىلانمايدۇ. بىز ئەزەلدىن ئاياللارنىڭ مائارىپىغا ئەھمىيەت بىرىمىز. ئاياللارنىڭ مائارىپىغا ئەھمىيەت بېرىشتىن ئاۋۋال ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي بولغان ئىنسانىي ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇش شارائىتى ياخشىلىنىشى كېرەك. ئاندىن مائارىپنى ۋە ئۇلارنىڭ بالىلارنى تەربىيەلىنىشىنى ئويلىغىلى بولىدۇ. ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيادىن قالسا تۈركىيەدە بىر قەدەر كۆپ. تۈركىيەدىكى ئاياللارنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار ۋە خەۋپلىك. ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلىرى بار يالغۇز ئانىلار كۆپ. ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى تەربىيەلەشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئۇلارنىڭ ماددىي تۇرمۇشى ياخشىلانمىسا، مەنىۋىيەتتىن سۆز قىلغىلى بولمايدۇ. ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشى ياخشى بولمىغان ئايال قانداقسىگە ئۆزىدىن ئېشىپ، بالىلارنى تەربىيلىيەلەيدۇ؟ بالىلارنى تەربىيەلەش ئەمەس چوڭ قىلىشمۇ جىددىي بىر مەسىلە.» 

تۈركىيەدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاياللىرى يولدىشىدىن ۋە ۋەتەندىكى ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىلگەنلىكى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ۋە پسىخىك مەسىلىلەر تۈپەيلى كۆپ جاپا تارتماقتا ئىكەن. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان گۈلنىسا قاۋۇل خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يولدىشىنى تۈركىيەدىن ئۈرۈمچىگە قايتقاندا ئايرودرومىدا قولغا ئالغانلىقىنى، ھازىر ئىستانبۇلدا ئۈچ بالىنى دادىسىز بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن جاپا تارتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. 

يېقىندىن بۇيان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە مۇنىرە ئابدۇغېنىنىڭ يولدىشى ئىلياس راھمان ھەققىدىكى گۇۋاھلىق ۋىدىيوسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، 19 ياشلىق مۇنىرە ئىككىنچى بالىسىغا ئېغىر ئاياق ۋاقتىدا يولدىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن مىسىردىن خىتايغا قايتۇرۇلغان. بىر نەچچە يىلدىن بىرى ئانا ۋە ئىككى پەرزەنت ئىلياس راھماننى كۈتۈۋاتقان بولۇپ، ۋىدىيو ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن خىلى چوڭ تەسىر قوزغىغان. ئىلياس راھماننىڭ ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشى ئۈچۈن كەچۈرۈم تەشكىلاتى توردا ئىمزا قويۇش پائالىيىتى تەشكىللىگەن.

كۆزەتكۈچلەرنىڭ قارىشىچە، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر پۇقراۋى تەشكىلاتلىرى بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە جىددىي باش قاتۇرۇۋاتقان ۋە بەزى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن مەسىلىنى ھەل قىلىشتا يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن. دوكتور دىلنۇر خانىم زىيارىتىمىز جەريانىدا تۈركىيەدە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئەر-ئاياللارنىڭ باراۋەرلىكى مەسىلىسى جەھەتتە يېتەرلىك تەربىيەلەنمىگەنلىكى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئائىلىدە ئەرلەر تەرىپىدىنمۇ بېسىملارغا ئۇچرايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدە جىددىي تەدبىر ئىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش يوللىرى ھەققىدە پىكىرىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ مەسىلىگە تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ. سەۋەب قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ. بۇ ئاياللارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، ھەممىمىزنىڭ ھەرىكەت قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. بولۇپمۇ كونكرېت ھالدا ئاياللار ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش، ئۇنىڭغا ئەرلەرنى ئەمەس، ئاياللارنى مەسئۇل قىلىش كېرەك. بىزدە داۋاملىق ئاياللارنىڭ ئىشىغا ئەرلەر چات كىرىۋالىدىغان ئىش بار. ئاياللارنىڭ مەسىلىسىگە ئاياللار باش بولۇشى، ئەرلەر ياردەم بېرىشى كېرەك. بۇلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاش، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن مەنچە ئاياللار كوللېكتىپى قۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىنى بىر بىرلەپ تىزىملاپ چىقىپ، شۇنىڭغا ئاساسەن تەدبىر تۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ. مېنىڭچە، ئاياللار مەسىلىسى ئۈچۈن ھەرقانداق ھۆكۈمەتتىن ياردەمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئاۋۋال تۈركىيەنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئاندىن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ياردەم ئالغىلى بولىدۇ. ئاياللارنى قەد كۆتۈرگۈزۈش، يالغۇز ئانىلارنى قوغداش، بالىلىرىنىڭ ئېھتىياجى قانداش قاتارلىقلار ئۈچۈن كونكرېت پىلان تۈزۈپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. قىلىدىغان ئىشلار ھەقىقەتەن كۆپ، بۇلارغا جىددىي مۇئامىلە قىلىش كېرەك.»

ئىگىلىشىمىزچە، تۈركىيە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرگە ئىلىپ بېرىۋاتقان ئاسسىمىلىياتسىيە ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە ئىكەن. تۈركىيەدىكى ئائىلىسىدىن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن ئاياللارنىڭ مەسىلىسى بۇنىڭ مۇھىم ئۆرنىكى ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت