«قىران» پاتقاققا پاتقاندا

قىران سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى مۇھەممەد ئېلى ئوسمان كۆزگە كۆرۈنگەن كارخانىچى، مەرىپەتپەرۋەر، ساخاۋەتچى بىر ئۇيغۇر، بىر ئەر، بىر مەسۇمغا دادا، قانداق بولۇپ ئۇ بىر «ئالدامچى»، «قويمىچى»، «جىنايەتچى» بولۇپ قالدى؟
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012-11-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
قىران سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى مۇھەممەد ئېلى ئوسمان شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسىدە.
قىران سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى مۇھەممەد ئېلى ئوسمان شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسىدە.
www.56.com

ئۇ قانداق بولۇپ قانۇنغىمۇ، ئەخلاققىمۇ، مۇھىمى ئەقىلگىمۇ سىغمايدىغان جىنايەت پاتقىقىغا پېتىپ قالىدۇ؟ بۇ سوئاللار ئۈچۈن ئۇيغۇر مۇنازىرە مەيدانلىرىدا مەيدانغا كېلىۋاتقان ئوخشىمىغان جاۋابلار، بىر تۇرۇپ كىشىنى ئېچىندۇرسا، بىر تۇرۇپ كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. مۇھەممەد ئېلىنىڭ قىسمىتى كىشىلەردە يەنە قانداق گۇمان ھەم ئويلارنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا؟

مۇھەممەد ئېلىگە كىشىلەر ئوخشىمايدىغان باھالارنى بەرمەكتە.
‏«قىران سودا چەكلىك شىركىتىدە بىر يىل خىزمەت قىلىش جەريانىدا، مۇھەممەد ئېلىنىڭ كەسىپتە ئىنتايىن تىرىشچان، مەسئۇلىيەتچان روھى مېنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈردى....» بۇ، ئۇنىڭ ئايالى ئامانگۈل ئەختەمنىڭ شىنجاڭ تېلېۋىزىيىسىدە يولدىشىغا بەرگەن باھاسى.

«مەن بۇ شىركەتتە خىزمەت قىلغىلى يېرىم يىلدىن ئاشتى. ئىشلەش جەريانىدا دىرېكتورىمىز مۇھەممەد ئېلىنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىكى يېتەكلىشى ۋە ياردىمىدە، خىزمەت مۇھىتىغا تېزدىن ماسلىشىپ، كەسپىي سەۋىيەم بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆستى. مەن دىرېكتور مۇھەممەد ئېلىنىڭ تىرىشچانلىقىغا يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ھەقىقەتەن قايىل...» بۇ، شاڭخەي قىران شىركىتىدىكى خىزمەتچى ليۇ لىلىنىڭ ئۆزىنىڭ دىرېكتورىغا بەرگەن باھاسى.

جۇڭگو ئەرەب ئەللىرى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش سودا ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى شى يەنچۈن ئۇنىڭغا مۇنداق باھا بېرىدۇ:
«ئەمدىلا 33 ياشقا كىرگەن بىر ياشنىڭ شىنجاڭدىن شاڭخەيدەك بىر چوڭ شەھەرگە كېلىپ، شىركەت قۇرۇپ، مەزمۇت پۇت تىرەپ تۇرۇشى ئاسان ئەمەس، بىز بۇندىن كېيىن بۇ غايىلىك ياشنىڭ جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق، مەدەنىيەت، سودا قاتارلىق جەھەتلەردە كۆۋرۈكلۈك رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇشىغا، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئىگىلىكىنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشىگە، گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرىنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا تىلەكداشمىز.»

شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ مۇھەممەد ئېلى ئوسماننىڭ جىنايەت يولىغا مېڭىشى ھەققىدە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، شاڭخەي قىران سودا چەكلىك شىركىتى دەسلەپكى قۇرۇلغان يىلىدا سودىدا ئۇچ مىليون يۈەن پايدا تاپقان. شۇندىن ئېتىبارەن مۇھەممەد ئېلى ئاساسلىق سودا مەبلىغىنى مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى ئەرەب ئەللىرىگە ئېكسپورت قىلىشقا سالغان. ھالبۇكى، 2010-يىلىدىكى ئەرەب باھارى سىياسىي داۋالغۇشلىرى ئۇنىڭ سودىسىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان. ئارقىدىن شىنجىندىكى مەلۇم كومپيۇتېر زاپچاسلىرى شىركىتىنىڭ ئالدامچىلىقىغا ئۇچراپ يەنە 500 مىڭ يۈەن زىيان تارتقان. ئارقا-ئارقىدىن زىيان تارتقان مۇھەممەد ئېلى يىقىلاي دېگەن ئىگىلىكىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پاسپورت ۋە ۋىزا بېجىرىش، چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىرىش قاتارلىق ناملار بىلەن باشقىلارنى ئالداپ پۇل يىغىشقا باشلىغان. مۇشۇنداق قىلىپ مۇھەممەد ئېلى ۋە ئۇنىڭ شىركىتى جىنايەت پاتقىقىغا پېتىپ قالغان.

مۇھەممەد ئېلىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى رادىئومىز پروگراممىسى ئارقىلىق خەۋەر تاپقان ئاڭلىغۇچىلاردىن بىرى، ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى تۇرمۇھەممەدكە تېلېفون قىلىپ مۇھەممەد ئېلى ھەققىدە شىكايىتىنى بىزگە يەتكۈزۈشنى ھاۋالە قىلغان.

ئۇلارنىڭ بايانىغا قارىغاندا، كېيىنكى مەزگىللەردە مۇھەممەد ئېلى شۆھرەتپەرەسلىك ۋە ئەخلاقسىزلىق بىلەنمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرىغان.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بايانىغا قارىغاندا، ئىلگىرى مۇھەممەد ئېلى ھەقىقەتەن روناق تاپقان، يۈز تاپقان نۇرغۇن ساخاۋەتلىك ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ زىيانغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، كىشىلەر شىكايەت قىلغاندەك نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى ئالدىغان زىيانغا ئۇچراتقان ئىكەن.

رېئاللىق شۇكى، بىر مەھەل داڭ چىقارغان مۇھەممەد ئېلى ئوسمان ئەمدىلىكتە كاتتا خوجايىندىن جىنايەتچىگە ئايلاندى. يۈز ئابرۇيىغا داغ چۈشتى. ئۇنىڭ ئامېرىكىغا كېلىپ ئوقۇش چۈشىمۇ بەربات بولدى. ئۇنىڭ شىركىتى ۋە ئۆزى ھەققىدىكى غايە-ئارزۇلىرى مانا مۇشۇنداقلا كۆپۈككە ئايلاندى. ئۇنىڭ قىران شىركىتى ۋەيران بولدى. ئائىلىسى ۋەيران بولدى. ئايالى ۋە بالىسىنىڭ بوينى قىسىلدى. ئۇنىڭدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتكەن، ئۇنىڭغا ئىشەنگەن خەلق ئېچىندى....

راست دېگەندەك، بەزىدە شۆھرەتپەرەسلىك ئادەمنىڭ ئېڭىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئۆزىگە يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقان خەتەرنىمۇ سەزمەس قىلىپ قويسا كېرەك.

مۇھەممەد ئېلى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان، سودا ساھەسىدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۈچى ۋە ياش كارخانىچىلارنىڭ زەپەر قۇچقان تەقدىردىمۇ شانلىق مۇساپىسىنىڭ ئۇزۇنغا بارماسلىقى، يا ۋەيرانلىققا ياكى چەتئەللەرگە سەرسانلىققا يۈزلىنىشىدەك تراگېدىيىلەر ئۇيغۇرلارنى ئېچىندۇرماقتا ۋە بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە قايتا ئويلاندۇرماقتا.

پىكىرلەر (1)
Share

Alex

دىن İstanbul

Atpurning tema yokluganda emeli ahwaldin yahxi havardar bolup andin yezixini ümüt kilimiz,siz dewatkan bu Adem burundin baxlapla bir karhanaqi bolmastin,hitayning bihatarlik organlirining halqisi,siz uni 3milion pul tapkam dep yezipsiz,men deymenki 3million emes,300ming pulnimu koymigangu deymen,mening buni yeziximda baxka mehset Yok ,xu temida yazganlirigizni Korup pakat qidimidim,bir galqaning bu kader yalgan yawidak sodiger kiyapitige kirivelip kilgan kılmixlirini inxa alla,kandı memlikitimiz ,bolgan hemen kattık jezaga tertimiz!mening bu deganlirimdin gumanlanmang ,men shanghaide. 6yıl turux jeryanida onining kandak bir galqa ikanlikini yahxi bilimem!

Nov 02, 2012 12:24 PM

تولۇق بەت