كۇچا خەلق ناخشىلىرىنىڭ پىشۋاسى نىساخان ئابدۇۋەلىي ۋە «مىراجىخان»

بۇندىن 110 يىل ئىلگىرى قەدىمى كۆسەن دىيارى ئاتالغان كۇچانىڭ كونا شەھەر بازىرىدا بىر قىز بوۋاق دۇنياغا كۆز ئاچقان ئىدى. بۇ قىز كىيىنچە ئەل ئارىسىدا «نىساخان جىلدىر» نامى بىلەن تونۇلغان، كۇچا خەلق ناخشىلىرىنىڭ بۈگۈنگىچە يىتىپ كېلىشىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشقان، ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنىڭ جەۋھەرلىرىدىن بىرى بولغان «مىراجىخان» ناخشىسىنى ئاھاڭغا سالغان نىساخان ئابدۇۋەلىيدۇر.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز يالقۇن
2013-02-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
كۇچا خەلق ناخشىلىرىنىڭ پىشۋاسى نىساخان ئابدۇۋەلى
كۇچا خەلق ناخشىلىرىنىڭ پىشۋاسى نىساخان ئابدۇۋەلى
RFA/Yalqun


«مىراجىخان - 19 ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كۇچانىڭ شەرقىدىكى ياقا يېزىسىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان رىئال شەخىس بولۇپ، بىر دېھقان ئائىلىسىنىڭ ئەقىللىق ۋە نۇمۇسچان قىزى ئىدى. مىراجىخان بويىغا يېتىپ، رەسىدە بولغاندا كۇچانىڭ جەنۇبىدىكى چىمەن يېزىسىدىكى بىر باي كىشىگە ياتلىق قىلنىپتۇ. بىراق ئارىدىن شۇنچە كۆپ يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما مىراجىخاننىڭ ھېچبىر دېرىكى ياكى خەت - ئۇچۇرى بولماپتۇ. قىزىنىڭ دېرىكىنى ياكى خەت - ئۇچۇرىنى ئالالمىغان ئانا قىزنىڭ دەردىدە كۈن بويى چىمەن يېزىسى تەرەپكە قاراپ ياش تۈكۈپ ھەسرەت بىلەن ياشاپتۇ. كۆڭلىدىكى سېغىنىشلىرىنى قوشاقلارغا قېتىپتۇ. قىزىنىڭ دەردىدە يۈرىكى پۇچىلانغان ئانا ئاخىرى دەرت - ئەلەم ئىچىدە بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىپتۇ. ئانىنىڭ قىزى مىراجىخانغا بېغىشلاپ ئوقۇغان بۇ قوشىقى كېينچە «مىراجىخان»نامىدا ئەل ئارىسىغا تارقىلىپ، كۇچا خەلق قوشاقلىرى ۋە كۇچا خەلق ناخشىلىرىنىڭ قاتارىدا مەشرەپ ۋە توي - تۆكۈنلەردە ئېيتىلىپ يۈرگەن. پەقەت نىساخان ئابدۇۋەلىيلا بۇ قوشاقنى رەسمىي ئاھاڭغا سېلىپ، سەھنىگە ئېلىپ چىققان.

نىساخان ئابدۇۋەلىي كۇچا خەلق ناخشىلىرىنىڭ بۈگۈنكى زامانغا يېتىپ كېلىشىدە تۆھپىسى زور سەنئەتكار بولۇپ قالماستىن يەنە، بىر قولىدا داپ، يەنە بىر قولىدا دۇتتار چېلىپ، ناخشىسىنى ئۆزى ئورۇنداشتەك ماھارەتنى ئىجات قىلغان ماھىر سازەندىدۇر. نىساخان ئابدۇۋەلىي - 1902يىلى كۇچا كونا شەھەردە بىر خەلق سەنئەتكارى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. نامراتلىق ۋە تەڭسىزلىك سەۋەبىدىن يۇرتىدىن ئايرىلىپ پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولغان نىساخان ئائىلىسى يۇرت ئارىلاپ يۈرۈپ ناخشا - مۇزىكا بىلەن جان باققان.سەرسانلىق داۋامىدا ئانىسى دەرت يۇتۇپ ئۆلۈپ كەتكەن، دادىسى ئېغىر كېسەل بولۇپ يىتىپ قالغاچقا ناخشا ئېيتىپ،تۇرمۇشنىڭ ھۆددىسدىن چىقىش ئىشى ئەمدىلا 10 ياشقا كىرگەن نىساخاننىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن.

نىساخان كىچىكىدىنلا تەڭسىز جەمئىيەتنىڭ زۇلۇملىرىنى كۆرۈپ چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ناخشىلىرىدا تەڭسىزلىككە بولغان ئۆچمەنلىكىنى ئىپادىلەپ «كارىز ناخشىسى» قاتارلىق ناخشىلارنى ئىجاد قىلىپ، ئەينى چاغدىكى مەۋجۇت ھاكىمىيەتنىڭ قول - چوماقچىلىرى بولغان بەگ - خوجىلارنى تەنقىد قىلغان. - 1945يىلى شەرقى تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسىنىڭ جەنۇبقا يۈرۈش قىسىملىرى بايغا قاراپ يۈرۈش قىلغانلىق خەۋىرى كۇچاغا يىتىپ كەلگەندە، نىساخان كىشىلەرنى كۈرەشكە ئىلھاملاندۇرىدىغان ناخشىلارنى ئېيتىپ، گومىنداڭ ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلىدۇ. گومىنداڭنىڭ كۇچادا تۇرۇشلۇق ساقچى، ھەربىيلىرى بىر تەرەپتىن نىساخاننىڭ ئۈستىدىن پىتنە - پاساتلارنى تارقىتىپ، ئۇنى جەمئىيەتتە سېسىتماقچى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن نىساخانغا يۇشۇرۇن زىيانكەشلىك قىلماقچى بولىدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان كىشىلەر ئۇنى باي ناھىيىسىگە قاچۇرىۋىتىدۇ. گومىنداڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئورنىنى كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئالغاندىن كېيىن كۇچاغا قايتىپ كېلىپ قايتىدىن سەنئەت ھاياتىنى باشلايدۇ. ئەل ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن 300دىن ئارتۇق كۇچا خەلق ناخشىلىرىنى توپلاپ، كۇچا خەلق ناخشىلىرىنىڭ سېستىمىلىشىشى ۋە كېيىنكى ئەۋالاد ئىزباسارلارنىڭ كۇچا خەلق ناخشىلىرى بويىچە تەربىيىلىنىشىگە ئاساس يارىتىدۇ.رىسالەت ھاپىز، تۇنىسا مۇھەممەد، ئايتىللا ئەلا، رابىيە مۇھەممەد، تۇرسۇنگۇل سامساق قاتارلىق 10دىن ئارتۇق ناخشىچىلار ئۇنىڭ باسقان ئېزىدىن مېڭىپ ۋە تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا تونۇلغان ناخشىچىلاردىن بولۇپ يىتىشىپ چىقىدۇ.بالىلىق چاغلىرىدىن تارتىپ خەلق سەنئەتكارى ئاتالغان نىساخان ئابدۇۋەلىي پۈتۈن ئۆمۈرىنى كۇچا خەلق ناخشىلىرىغا بېغىشلايدۇ. تاكى ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرغىچە قولىدىن دۇتتار بىلەن داپنى، ئېغىزىدىن كۇچا خەلق ناخشىلىرىنى چۈشۈرمىگەن بۇ ناخشىچى - 1987يىلى - 2ئاينىڭ - 21كۈنى ئالەمدىن ئۆتىدۇ. گەرچە تونۇلغان خەلق سەنئەتكارى نىساخان ئابدۇۋەلىي ئارىمىزدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىزىنى باسقان، ئۇنىڭدىن تەلىم ئالغان ياشلار تۈركۈملەپ يېىتىشىپ چىقماقتا.

تولۇق بەت