بارىن ئىنقىلابىدا بىر مەھەللىدىنلا مۇددەتسىز كېسىلگەن 10 ئادەمنىڭ يېرىمى تۈرمىدە ئۆلگەن

1990-يىلدىكى بارىن ئىنقىلابىدىن كېيىن تۈرمىگە تاشلانغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمىلەردە ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012-03-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي ساقچىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم يېزىدا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى تۇتقۇن قىلماقتا. 1990-يىلى ئاپرېل.
خىتاي ساقچىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم يېزىدا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى تۇتقۇن قىلماقتا. 1990-يىلى ئاپرېل.
news.boxun.com / Wang Lixiong

بىز يېقىندا ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بارىن يېزىسىدىكى پەقەت بىر مەھەللىدىنلا مۇددەتسىز كېسىلگەنلەر 10 نەپەر بولۇپ، بۇلارنىڭ 5 نەپىرى تۈرمىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان.

1990-يىلى 5-ئاپرېل ئاقتۇ ناھىيىسى بارىن يېزىسىدا ئۇيغۇر خەلقى خىتاي مۇستەملىكە ھۆكۈمىتىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ئىدى.

مەزكۇر ۋەقە ئەينى چاغدا ھەممە جاينى زىلزىلىگە سېلىپلا قالماي، ئۇيغۇر دەۋاسىنى دۇنياغا تونۇشتا دەۋر بۆلگۈچ رول ئوينىغان ۋەقەلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىپ كېلىنمەكتە ئىدى.

بەزى دەلىللەنمىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى شۇ چاغدا ئاقتۇ ناھىيىسى ۋە قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىن ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ھەر تۈرلۈك جازاغا تارتقان.

قوزغىلاڭ يۈز بېرىپ ئارىدىن ئازغىنا كەم 22 يىل ئۆتتى. ھالبۇكى، قوزغىلاڭدا قۇربان بولغان، باستۇرۇش جەريانىدا قارا-قويۇق ئېتىلغان، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ۋە تۈرمىگە تاشلانغانلارنىڭ ھەقىقىي سانى ھازىرغىچە سىر بولۇپ كەلمەكتە.

قوزغىلاڭ بېسىقتۇرۇلۇپ قوزغىلاڭ مەزگىلىدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بالا يۈزى كۆرگەن ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، قوزغىلاڭ جەريانىدا تۇتۇلغانلار ھەققىدە چەكلىك ئۇچۇرلار ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى.

بۇلارنىڭ بىرى 1990-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇتۇلۇپ 22 يىلدىن كېيىن يەنى 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى خىتاي تۈرمىسىدە ئۆلۈپ كەتكەن مەخەت ھەسەن ھەققىدىكى مەلۇماتلاردۇر.

مەخەت ھەسەننىڭ ئايالى ئاسىمخان ھىمىتنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، مەخەت ھەسەن ئەينى چاغدا 26 ياشتا بولۇپ، بارىن ئىنقىلابى پارتلاپ 10 كۈندىن كېيىن تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە ئاتۇشقا يۆتكەلگەن.

ئىككى يىلدەك ئاتۇشتا ياتقاندىن كېيىن سوت ئېچىلىپ ئۈرۈمچى باجاخۇ تۈرمىسىگە قامالغان مەخەت ھەسەننىڭ سوتىغا ئايالى ئاسىمخان ھىمىت ۋە باشقا ئائىلە تاۋابىئاتلىرى قاتناشتۇرۇلمىغان.

ئاسىمخاننىڭ ئېيتىشىچە، پەقەت ئۇلار تۇرۇشلۇق قوغان كەنتى 1-ئەترىتىدىلا بىر ئائىلىدىن باشقا، ئەر زاتىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تۇتۇلغان. كېيىن مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەنلەر بار بولسىمۇ، مۇددەتسىز كېسىلگەن 10 ئادەمنىڭ ئىچىدىكى 5 ئادەم ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، خىتاي تۈرمىسىدە ئۆلۈپ كەتكەن.

تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتكەن ۋە ھېلىھەم تۈرمىدە يېتىۋاتقان قوغانلىق بۇ ئۇيغۇرلار كىملەر؟ بۇلار ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ قىسمەتلىرى قانداق بولغان؟

بىز كېلەر قېتىملىق پروگراممىمىزدا بارىن ئىنقىلابى ۋە يۇقىرىقى كىشىلەر ھەققىدە ئىلگىرىلەپ مەلۇمات بېرىشكە تىرىشىمىز.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت