سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ بىر چىرىكلىككە قارشى تۇرغۇچى ئەمەلدارى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالدى

سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ چوڭجۇ شەھەرلىك چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى 17 - فېۋرال كۈنى ئۆزىنى بىنادىن تاشلاپ ئۆلۈۋالغان. ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن نەقىل كەلتۈرىشىچە، خې جيەنگۇ ئىسىملىك مەزكۇر ئەمەلدار چوڭجۇ شەھەرلىك تەپتىش ئىدارىسىنىڭ بىناسىدىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالغان.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013-02-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


خې جيەنگۇ چوڭجۇ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسىدە ئىشلىگەن ۋاقىتتا بىر قىسىم ئەمەلدارلارنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان بولۇپ، ئۇ 2001 - يىلى ئاكتىپ خىزمىتى ئۈچۈن سىچۇەن ئۆلكىلىك تەپتىش ئىدارىسى تەرىپىدىن 3 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن دەپ مۇكاپاتلانغان ھەمدە 2005 - يىلى چوڭجۇ شەھىرى بويىچە «10 مەشھۇر ياش» نىڭ بىر بولۇپ باھالانغان.

ئۇنىڭ ئۆلۈۋېلىشى تور قوللانغۇچلىرى ئارىسىدا تۈرلۈك ئىنكاسلارنى پەيدا قىلغان بولۇپ، بۇ خىتايدىكى پارىخورلۇق ۋە پارىخورلۇققا زەربە بېرىش مەسىلىلىرىگە مۇناسىۋەتلىكتۇر.

چوڭجۇ شەھىرى چوڭچىڭ ۋىلايىتىگە قاراشلىق شەھەر بولۇپ، نوپۇسى 600 مىڭدىن ئارتۇق، چوڭچىڭ شەھەر باشلىقى بو شىلەي ۋە ساقچى باشلىقى ۋاڭ لىجۈن ۋەقەسىدىن كېيىن سىچۇەن ۋە چوڭچىڭ ئەڭ دىققەتكە سازاۋەر نۇقتىغا ئايلانغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت