قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى بۇ يىللىق روزا ھېيتتا ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە
2019-06-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى بۇ يىللىق روزا ھېيتتا ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلدى. 2019-يىلى 5-ئىيۇن، قىرغىزىستان.
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى بۇ يىللىق روزا ھېيتتا ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلدى. 2019-يىلى 5-ئىيۇن، قىرغىزىستان.
RFA/Féruze

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى بۇ يىللىق روزا ھېيتتا قىرغىزىستاننىڭ بىشكېك، جالالئاباد قاتارلىق جايلىرىدا جەم بولۇپ روزى ھېيتنى كۈتۈۋالدى. ئۇلار ھېيت نامىزىدا ۋە ھېيت كۈنىدىكى يىغىلىشلاردا ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلدى.

قىرغىزىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ ۋە زىچ ئولتۇراقلاشقان مەملىكەت بولۇپ، بۇ ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ئەنئەنىلىرىنى ياخشى ساقلاپ كەلمەكتە. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى مەملىكەتتە ياشاۋاتقان مۇسۇلمان خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە 5-ئىيۇن كۈنى روزا ھېيت نامىزىنى ئوقۇدى.

قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى جالالئاباد ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇرلار شەھەرلىك مەسچىتكە جەم بولۇپ بىرلىكتە ھېيت نامىزىنى ئوقۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى قېرىنداشلىرى ئۈچۈن دۇئا تىلاۋەتلەر قىلىشتى. رادىيومىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئاقساقاللار كېڭەشىنىڭ رەئىسى ئەلىشىر ناسىراخۇنوف ئەپەندى جالالئاباد ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بايراملىق پائالىيەتلىرى ۋە دۇئا-تىلاۋەتلىرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان نوۋوپوكروۋكا، لېبېدىنوۋكا، ۋوستوك ۋە كەڭ بۇلۇڭ قاتارلىق يېزىلاردىكى ئۇيغۇرلار ئۆز مەھەللىلەردىكى مەسچىتلىرىگە جەم بولۇپ، ھېيت نامىزىنى بىرلىكتە ئۆتىدى.

نوۋوپوكروۋكا يېزىسىنىڭ يىگىت بېشى غەيرەت جاھانۇف ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىللىق رامىزان ئېيىدا نوۋوپوكروۋكا مەسچىتىدە ئوتتۇز كۈن ئىپتارلىق بېرىلگەنلىكىنى، ياشلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى كۈچىيىپ، تاراۋى نامىزىغا كۆپلەپ قاتناشقانلىقىنى شۇنداقلا سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى كوممۇنىست رېجىمىدا بەزى دىنىي پائالىيەتلەر چەكلەنگەن بولسا، بۈگۈنكى كۈنلەردە دىنىي مۇراسىملار ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

غەيرەت ئەپەندى يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى تىلغا ئېلىپ، دۇنيا جامائىتىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ دېموكراتىك يول بىلەن ئۆز ۋەتىنىنىڭ ئازاتلىقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ دەپ ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئاكتىپ ئەزاسى، ۋەتەنپەرۋەر زات ئابلىمىت ھاجىم ئەپەندى ئۆزى تۇغۇلغان غۇلجا شەھىرىدىكى روزا ھېيتلارنى ئەسلەپ كۆزلىرى نەملەنگەن ھالدا ئوتتۇز كۈن ئىچىدە ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرى ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلغانلىرىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

قىرغىزىستاندا روزا ھېيتتا بىر كۈن دەم ئېلىش بېرىلدى. ئىگىلىشىمىزچە، موسكۋادىكى ئۇيغۇرلار باشقا مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە ھېيت نامىزىنى ئوقۇپ، بىر-بىرىنىڭ ئايىمىنى تەبرىكلىمەكتە. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان موسكۋادىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ ئاكتىپ ئەزاسى ياسىنجان موسكۋادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تاتار، ئۆزبېك، قىرغىز ۋە قازاق قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە ھېيت ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت