قۇربان ۋەلى: خىتاي «بۇغراخانلار تەزكىرىسى»نى بارىن قوزغىلىڭىنى ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن تەمىنلىگەن كىتاب دەپ بېكىتىشنىڭ ئالدى كەينىدە

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015-04-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
1990-يىلدىكى بارىن قوزغىلىڭىدا قۇتراتقۇلۇق رولىنى ئوينىغان دەپ چەكلەنگەن تارىخى كىتاب «بۇغراخانلار تەزكىرىسى» سىنىڭ مۇقاۋىسى.
1990-يىلدىكى بارىن قوزغىلىڭىدا قۇتراتقۇلۇق رولىنى ئوينىغان دەپ چەكلەنگەن تارىخى كىتاب «بۇغراخانلار تەزكىرىسى» سىنىڭ مۇقاۋىسى.
RFA/Méhriban


1990 - يىلى 4 - ئايدا بارىن يېزىسىدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قوزغىلىڭى باستۇرۇلغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى قوزغىلاڭنى «بارىن ئەكسىلئىنقىلابى توپىلىڭى» دەپ بېكىتكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئىدارە - مەكتەپلەردە ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە «مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسىگە قارشى ھەرىكەت» نى باشلىدى.

قوزغىلاڭ باستۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە خىتاي ھۆكۈمىتى ھەممە ئىدارە - ئورگانلارغا چۈشۈرگەن قىزىلباشلىق ھۆججەتلىرىدە بارىن قوزغىلىڭىغا ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن تەسىر كۆرسەتكەن ئامىللار ئىچىدە «بۇغرا خانلار تەزكىرىسى» نى تىلغا ئېلىپ، بۇ كىتاب «توپىلاڭنى نەزىيە ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن، غازات قىلىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغان كىتاب» دەپ يەكۈن چىقارغان. ئەمما كېيىنكى مەزگىللەردە ئەھۋالدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى «بۇغراخانلار تەزكىرىسى»نى ۋە بۇ كىتابنىڭ تەھرىرلىرىنى ئاشكارا تەنقىدلىمىگەن، بەلكى مەشھۇر ئۇيغۇر ئەدىپ، تارىخچى تۇرغۇن ئالماس ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇرلار» قاتارلىق ئۆچ كىتابىنى «مىللى بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسىنى تارقىتىپ، قۇتراتقۇلۇق رولىنى ئوينىغان كىتاب» دەپ بېكىتىپ، ئىدارە - مەكتەپلەردە مەخسۇس تۇرغۇن ئالماس ئەپەندىگە ۋە كىتابلىرىغا قارىتا ئومۇمىيۈزلۈك تەنقىدنى باشلىغان.

ئەينى چاغدا «بۇغراخانلار تەزكىرىسى» نىڭ نەشر ئىشلىرىغا قاتناشقان قۇربان ۋەلى ئەپەندى، بۈگۈنكى سۆھبەتتە «بۇغراخانلار تەزكىرىسى» ناملىق كىتابنىڭ تارىخى ئەھمىيىتى ۋە ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇ قېتىمقى سىياسىي ھەرىكەتتىن قۇتۇلۇپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت