گېرمانىيە تاراتقۇلىرىدا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى يەنىلا قىزىق تېما بولماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019-05-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
23-ماي گېرمانىيەنىڭ كارلسرۇھە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا مەخسۇس دوكلات بېرىش يىغىنى ھەققىدىكى تەشۋىقات لوگوسى.
23-ماي گېرمانىيەنىڭ كارلسرۇھە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا مەخسۇس دوكلات بېرىش يىغىنى ھەققىدىكى تەشۋىقات لوگوسى.
RFA/Ekrem

گېرمانىيەدىكى مەشھۇر ئاخبارات قاناللىرى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى داۋاملىق قىزىق تېما سۈپىتىدە تەشۋىق قىلماقتا.

2-ماي كۈنى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى نازارەت سىستېمىسى توغرىسىدا «خىتاينىڭ زۇلۇم ھېسابلىرى» ناملىق 68 بەتلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، گېرمانىيە تاراتقۇلىرى بۇ ھەقتە بەس-بەستە ئۇچۇرلار تارقاتتى.

گېرمانىيەدىكى دۆلەتلىك 1-تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان ARD «ساقچى ئەپ مىليونلىغان خىتايلىقلارنى نازارەت قىلماقتا» دەپ ئۇچۇر بەردى. «گېرمانىيە رادىيوسى» بولسا «مۇسۇلمانلارنى نازارەت قىلىشقا قارىتا ئېتىراز» ناملىق خەۋەر ئېلان قىلدى. داڭلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بىرى بولغان R T L «خىتاي مۇسۇلمانلارنى ساقچى ئەپ بىلەن نازارەت قىلماقتا» دەپ خەۋەر تارقاتتى. «قىززىق لىنىيە قانىلى» «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بىر گەۋدىلەشكەن بىرلەشمە ئۇرۇش سۇپىسىنى ئاشكارىلىدى» دەپ يازدى. گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى «خىتاينىڭ نازارەت سىستېمىسى پاش قىلىندى» دەپ بايان بەردى. «باسلېر گېزىتى» بولسا، «بۇ ئەپ ئىنسانلارنى تۇتقۇن قىلىدۇ» دەپ ماقالە ئېلان قىلدى. «Business Insider» قانىلى «غەلىتە جاسۇسلۇق ھەرىكىتى: خىتاي بىر ئەپ بىلەن ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلماقتا» دەپ مەلۇمات بەردى. بۇندىن باشقا شىۋېتسارىيەدە چىقىدىغان «يېڭى زۇرۈكلىكلەر گېزىتى» : «خىتاي ھاكىمىيىتى بىر ئەپ ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ئىنسانلارنىڭ باسقان ھەربىر قەدەم ئىزىنى نازارەت قىلماقتا» دەپ مەخسۇس ماقالە يازدى. «T-Online» قانىلى بولسا «خىتاي ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىدا تۇتماقتا» دەپ ئۇچۇر تارقاتتى.

يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان قاناللارنىڭ ھەممىسى گېرمانىيەدىكى ئەڭ داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بولۇپ، بۇ بىر ھەپتە «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» دە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى ھەمدە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى گېرمانىيەدە يەنە بىر قېتىم كەڭ تەشۋىق قىلىنغان بىر ھەپتە بولدى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكادىن قالسا ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىگە ئەڭ جىددىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان دۆلەت گېرمانىيە بولۇپ، گېرمانىيە 2018-يىلى 8-ئايدا ب د ت دا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان ھەم ئۇنى تاقاشنى تەلەپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى سانىلىدىكەن. گېرمانىيە پرېزىدېنتى فرانك ۋالتەر ستايىن مايەر ۋە باش مىنىستىر ئانجىلا مېركېلمۇ ئالدىنقى يىلىدىكى خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. گېرمانىيە يەنە 2018-يىلى 11-ئايدا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى پارلامېنتتا 2 قېتىم مەخسۇس مۇزاكىرە قىلغان. گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مائاس ۋە گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى كۆفلېر خانىم ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئېلىپ بارغان خىتاي زىيارىتى مەزگىلىدە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە لاگېرلارنى زىيارەت قىلىش پىكرىدە چىڭ تۇرغان، ئەمما ئۇلارنىڭ تەلىپى رەت قىلىنغان. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 8-كۈنى، چارشەنبە كۈنى گېرمانىيە پارلامېنتى جازا لاگېرلىرى توغرۇلۇق مەخسۇس گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرىدۇ.

د ئۇ ق تەتقىقات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىگە يالغۇز گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى جىددىي كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماي، گېرمانىيە دۆلىتى ۋە بۇ ئەلدىكى ھەر ساھە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىمۇ جىددىي كۆڭۈل بۆلمەكتىكەن. خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى مۇشۇ ئاينىڭ 23-كۈنى گېرمانىيەنىڭ كارلسرۇھە شەھىرىدە مەخسۇس جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزىدىكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، د ئۇ ق ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى گېرمانىيە پارلامېنتىدا دائىما كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا مەخسۇس بىر ئىشخانا تەسىس قىلىپ، پارلامېنت بىلەن د ئۇ ق ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغان بىر سىستېما بەرپا قىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت