ھەپتىلىك خەۋەرلەر (17-ئاۋغۇستتىن 23-ئاۋغۇستقىچە)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2019-08-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
hepte-0823-tor-maqate.jpg
hepte-0823-tor-maqate.jpg
Photo: RFA

ئۇيغۇر دىيارىدىكى يېزا-كەنتلەرنىڭ يەرلىك ناملىرى ئۆزگەرتىلمەكتىكەن

ئىگىلىشىمىزچە، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيەسىگە قاراشلىق بىر قىسىم كەنتلەرنىڭ تارىختىن بۇيان قوللىنىلىپ كېلىۋاتقان ئەسلىدىكى يەرلىك ناملىرى ئۆزگەرتىلمەكتىكەن.

رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن باشلاپ قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ياۋا يېزىسىغا قاراشلىق قەدىمىي كەنتلەردىن بازاربويى كەنتىنىڭ نامى «قىزىل بايراق» قا، پەتىغىل كەنتىنىڭ نامى «بەخت» كە ئۆزگەرتىلگەن. دائىرىلەر بۇ يىل 3-ئايدا مەزكۇر كەنتلەرگە پانۇس ئېسىپ نام ئۆزگەرتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.

قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ياۋا يېزىسىكى يەرلىك كەنت كادىرلىرى رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر ئىككى كەنتنىڭ ئەسلىدىكى ناملىرىنىڭ ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى دەلىللىدى.

لاگېردىن چىققان 3 پارچە سالام خەت ئەركىن دۇنياغا ئاشكارىلاندى

ياپونىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇھەررەمنىڭ لاگېردىكى تۇغقانلىرىدىن ئۆيىگە چىقىرىلغان 3 پارچە سالام خەتنى دۇنياغا ئاشكارىلىشى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيەدىكى مۇھەررەم مۇھەممەتئەلى 2018-يىلىنىڭ ئاخىرى تاغىسى ئارقىلىق سۈرەتكە تارتىپ ئەۋەتىلگەن 3 پارچە سالام خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغان. بۇ سالام خەتلەر ئۇنىڭ لاگېرغا قامالغان بوۋىسى، مومىسى ۋە تاغىسى تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، لاگېرلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زۇلۇملارنى بىلىشتە مۇھىم يازما ئۇچۇر ھېسابلىنىدىكەن.

مۇھەررەم بۇ خەتلەرنى دەلىل سۈپىتىدە تاراتقۇلارغا ئاشكارا قىلىپ، ئۆزىنىڭ لاگېرغا قامالغان ئون نەچچە تۇغقىنى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىل 20-ئىيۇلدا ئۇنىڭ تۇرپاندىكى يەنە بىر تاغىسى ئابدۇراخمان مەمەتنى تۇتقۇن قىلغانلىقى مەلۇم بولدى.

سېرىكجان بىلاشئوغلى: «شەرتلىك قويۇپ بېرىلىشىم ھەقلىق كۈرەش يولىدىن چېكىنگەنلىكىمنى كۆرسەتمەيدۇ»

قازاقىستاندا 5 ئايدىن بۇيان مىرزاقاماققا ئېلىنغان «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىسى سېرىكجان بىلاشئوغلى ئۈستىدىن 16-ئاۋغۇست كۈنى ئالمۇتادا سوت ئېچىلىپ، شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، قازاقىستان تەپتىش دائىرىلىرى تەرىپىدىن «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» ۋە «قانۇنسىز تەشكىلات قۇرۇش» دېگەن جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ، 7 يىللىق قاماققا كېسىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلگەن سېرىكجان بىلاشئوغلى مەزكۇر سوتتا 7 يىلغىچە تەشكىلات ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق، خىتايغا قارشى سۆز قىلماسلىق شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىلگەن.

سېرىكجان بىلاشئوغلى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «شەرتلىك قويۇپ بېرىلىشىم بۇندىن كېيىنكى ھەقلىق كۈرەش يولىدىن چېكىنگەنلىكىمدىن دېرەك بەرمەيدۇ،» دېدى.

خىتاي ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن ئىشلىگەن سىياسىي كومىسسار ئابلىكىم غوپۇر قاماققا ئېلىنغان

مەلۇم بولۇشىچە، 2008-يىلى خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە كۇچادا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئالغان ۋە مۇكاپاتلانغان كۇچا ناھىيەلىك ج. خ. ئىدارىسىنىڭ سىياسىي كومىسسارى ئابلىكىم غوپۇر ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان.

كۇچادىكى ساقچى خادىملىرى رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئابلىكىم غوپۇرنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

ئابلىكىم غوپۇرنى ياخشى بىلىدىغان شىۋېتسارىيەدىكى كۇچالىق مۇھاجىرلاردىن ھەبىبۇللا خالىق رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئابلىكىم غوپۇرنىڭ ۋەزىپىدىكى مەزگىلىدە كۇچا خەلقىنى قان يىغلاتقانلىقىنى، 2008-يىلى كۇچادا يۈز بەرگەن ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىدە يۈزى كۆيۈپ يارىلانغان ئابلىكىم غوپۇرنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شاڭخەيدە داۋالىتىپ، يانپىشىنىڭ تېرىسىنى يۈزىگە كۆچۈرۈپ ساقايتقانلىقىنى بىلدۈردى.

قەشقەردىكى 2-دوختۇرخانىنىڭ تاشقى كېسەللەر دوختۇرى سايىتھاجى 2 يىلدىن بۇيان تۇتقۇندا ئىكەن

دوختۇر سايىتھاجى قاسىم قەشقەر 2-دوختۇرخانا تاشقى كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى بولۇپ، ئۇ 2017-يىل 9-ئاينىڭ 4-كۈنى ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەندىن بۇيان ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىز-دېرىكى بولمىغان.

سايىتھاجىنىڭ چەتئەلدە ياشاۋاتقان يېقىن تونۇشلىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر بېرىپ، ئۇنىڭ قەشقەر تەۋەسىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدا سۈيدۈك يولىدىكى تاشنى چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى بويىچە نامى چىققان دوختۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

قەشقەر 2-دوختۇرخانىدىكى خادىملار رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى تېلېفونىنى قوبۇل قىلىپ، سايىتھاجىنىڭ مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ مۇتەخەسسىسلەر تىزىملىكىدىن ئىسمى ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ «ئۆگىنىشتە» ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

سابىق مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى ئابدۇكېرىم كەرىموف قىرغىزىستاندا ۋاپات بولدى

1944-1949-يىللىرىدىكى شەقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي ئارمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن سابىق جەڭچى ئابدۇكەرىم كەرىموف قىرغىزىستاننىڭ توقماق شەھىرىدە 100 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

1919-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان ئابدۇكەرىم كەرىموف 1944-يىلى ئىلىدا ئىنقىلاب پارتلىغاندا پىدائىيلار سېپىدە غۇلجىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىغا ۋە مىللىي ئارمىيەنىڭ شىمالغا يۈرۈش فرونتىدا ئالتاينى ئازاد قىلىش ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان ئىكەن.

ئۇ 1962-يىلى خىتاينىڭ بېسىمى تۈپەيلى سوۋېتلار ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىققان بولۇپ، كېيىنكى ھاياتىدا قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جامائەتلىك ئىشلىرىدا ئاكتىپ رول ئوينىغان ئىكەن. ئابدۇكېرىم كەرىموفنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن قىرغىزىستاندا سابىق مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىدىن ئەڭ ئاخىرقى 3 نەپەر كىشى قالغان.

تولۇق بەت