خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتقان گېرمانىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا دىپلوماتىك كاشىلا چىقىرىشى تەنقىدكە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-08-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
گېرمانىيە يېشىللار پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى مارگارىتا باۋزې خانىم ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ئەنۋەرجان ئەپەندى بىلەن ئىختىيارى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى بىۋاسىتە قوبۇل قىلدى. 2016-يىلى 2-دېكابىر، ميۇنخېن.
گېرمانىيە يېشىللار پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى مارگارىتا باۋزې خانىم ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ئەنۋەرجان ئەپەندى بىلەن ئىختىيارى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى بىۋاسىتە قوبۇل قىلدى. 2016-يىلى 2-دېكابىر، ميۇنخېن.
RFA/Ekrem

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 5‏-ئىيۇل تۋىتتىردا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتقان بىر گېرمانىيە پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى تەركىبىدە خىتاينى زىيارەت قىلىشىغا كاشىلا چىقارغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى گېرمانىيە يېشىللار پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى مارگارېتا بائۇزىنىڭ گېرمانىيە پارلامېنتى دىگىتال كومىتېتىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى تەركىبىدە خىتاينى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇشى كېرەك ئىكەن.

گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ دىگىتال كومىتېتى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئەسلى بۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ۋە 9‏-ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلىشنى پىلانلىغان. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى دىگىتال كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەركىبىدىكى گېرمانىيە يېشىللار پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى مارگارېتا بائۇزى خانىمغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغان. شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ زىيارەت تەلىپىنى قوبۇل قىلمىغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پروگرامما دىرېكتورى پېتېر ئىرۋىڭ 6‏-ئاۋغۇست كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ مارگارېتا بائۇزى خانىمغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىشىنىڭ بىر خىل باھانە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بىرى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى، يەنە بىرى دىگىتال كومىتېتىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى. بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئاساسلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتى خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى ۋە ئالاھىدە يۈز تونۇش ئاپپاراتى، دېگەندەك نۇقتىلار. خىتاينىڭ ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىشى بىر خىل باھانە. ئۇنىڭ مەقسىتى بۇ ئارقىلىق بۇ ئۆمەكلەرنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى توسۇشتۇر.»

خىتاينىڭ گېرمانىيەدىكى ئەلچىخانىسى مارگارېتا بائۇزى خانىمغا نېمە ئۈچۈن ۋىزا بېرىلمىگەنلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن بائۇزى خانىم گېرمانىيە تاراتقۇلىرىدا ئۆزىگە ۋىزا بېرىشنىڭ رەت قىلىنىشىنى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئۆتكەن يىلى 11‏-ئايدا لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مۇنازىرە قىلىنىشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغانىدى.

بائۇزى خانىم سەيشەنبە كۈنى «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» غا ئاشكارىلىشىچە، گېرمانىيە پارلامېنتى ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرىگە قويۇشنىڭ ھارپىسىدا خىتاينىڭ گېرمانىيەدىكى ئەلچىخانىسى ئۇنىڭ ئىشخانىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغانىكەن. ئۇ، سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى تەنقىدلەپ: «بۇ ئەركىن سايلام ئارقىلىق شەكىللەنگەن گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ھوقۇقىغا مۇداخىلە قىلىشتۇر، پارلامېنت بۇنىڭغا يول قويمايدۇ» دېگەن. گېرمانىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى پىكرىنى ئۆزگەرتىپ، بائۇزى خانىمغا ۋىزا بەرمىسە، ئۆمەكتىكى قالغان ۋەكىللەر خىتاينى زىيارەت قىلماسلىقى مۇمكىن ئىكەن.

گېرمانىيە «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» نىڭ دىرېكتورى ئۇلرىخ دېلىئۇس مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار(خىتاي) بائۇزى خانىمنىڭ دىگىتال كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمىكىگە قاتنىشىپ، خىتاينى زىيارەت قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلماقتا. مانا بۇ ئۆمەك تەركىبىدىكى باشقا بارلىق پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ‹ئەگەر ئارىمىزدىكى بىر كىشىگە يول قويۇلمىسا، بىز ھەممىمىز بارمايمىز› دەپ چىڭ تۇرۇشىدىكى سەۋەبتۇر.»

ئۇلرىخ دېلىئۇس، خىتاينىڭ گېرمانىيەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ مارگارېتا بائۇزى خانىمنى ئۇ باۋارىيەدىكى ۋاقتىدىلا كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بائۇزى خانىمنىڭ گېرمانىيە دۆلەتلىك پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىشى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى گېرمانىيە پارلامېنتىغا ئېلىپ كىرىشى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلماقتىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقە قىلىۋاتقىنىغا ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوللاپ كېلىۋاتقىنىغا ئۇزۇن يىللار بولدى. مەن ئۇنى نەچچە ئون يىللاردىن بېرى تونۇيمەن. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ميۇنخېندا، يېشىللار پارتىيەسى باۋارىيە شۆبىسىنىڭ رەھبىرى ۋە باۋارىيە پارلامېنت ئەزاسى ئىدى. ئۇ ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا مەملىكەتلىك سايلامغا قاتنىشىپ، گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا ۋە پارلامېنت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى. ئۇنىڭ باۋارىيە پارلامېنتىدىكى ۋاقتىدىلا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى خىتاينى بىئارام قىلىپ كەلگەن. ھازىر ئۇنىڭ بۇ مەسىلىنى گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇشى خىتاينى جىددىيلەشتۈرمەكتە.»

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بائۇزى خانىمغا ۋىزا بەرمەسلىكى تاسادىپىيلىق ئەمەس ئىكەن. گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ مەسئۇلى ئەنۋەرجان ئەپەندى بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى گېرمانىيە سىياسىي كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

مارگارېتا بائۇزى خانىم ئۆز نۆۋىتىدە يەنە گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە ئۇنىڭ باياناتچىسىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم يەنە ئوخشاشلا بۇ كومىتېتنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلىشىنى رەت قىلغان. ئۇلار بۇ رايونلارنى زىيارەت قىلىشنى ئىزچىل تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقانىدى. ئەنۋەر ئان ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ئۇلارنىڭ ئۆزى قويغان شەرتلەرگە كۆنمەيدىغانلىقىنى بىلگەچكە ئۇلارنىڭ زىيارەت تەلىپىنى رەت قىلماقتا ئىكەن.

لېكىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىكى پېتېر ئىرۋىڭنىڭ قارىشىچە، گېرمانىيەدەك دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈپ ئېلىپ بېرىپ، رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىقلاپ چىقىشى پەۋقۇلئاددە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. ئۇ 6‏-ئاۋغۇست زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بۇ توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى ئىنتايىن مۇھىم. بولۇپمۇ ھازىرقى خىتاي ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى ئاقلاۋاتقان ھازىرقىدەك ئەھۋالدا تېخىمۇ مۇھىم. سىز باياتىن ئېيتقاندەك ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلاردىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم تۇتقۇنلارنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئەگەر ئۇلار راست گەپ قىلىۋاتقان بولسا گېرمانىيەدەك دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بۇ ‹ئىجابىي تەرەققىيات›نى ئاشكارىلىشىغا يول قويۇشى كېرەك»

يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر بىلەن مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنياز بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىپ، «قايتا-تەربىيەلەش» لاگېرلىرىدىكى 90% كىشىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئۇلارنىڭ سۆزى خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغىغان. خەلقئارادىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم تاراتقۇلار، پائالىيەتچىلەر، مۇتەخەسسىس ۋە كۆزەتكۈچىلەر ئەگەر ئۇلارنىڭ سۆزى راست بولسا، ئىسپاتلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت