خىتاي گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىنى قامال قىلىش دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019-07-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم يانفون ئىگىلىرى تور ساقچىلىرىدىن جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى تاپشۇرۇۋالغان. 2015-يىلى نويابىر.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم يانفون ئىگىلىرى تور ساقچىلىرىدىن جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى تاپشۇرۇۋالغان. 2015-يىلى نويابىر.
AFP

خىتاي غەرب مېدىيالىرىنىڭ ئىنتېرنېت ئارقىلىق خىتاي تەۋەسىدە ئۇچۇر تارقىتىشىغا قارشى مۇداپىئەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكتە.

2016-يىلى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى كورلا، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق ۋىلايەتلەردە گ4 تور ئېقىمىنى چەكلىگەنلىكى ئاشكارىلانغانىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا دەل جازا لاگېرلىرى قۇرۇلۇشىنى جىددىي ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەمدە تۇنجى تۈركۈمدىكى تۇتقۇنلارنى لاگېرلارغا سولاشقا باشلىغان مەزگىللىرىگە توغرا كەلگەن. 2017-يىلى خىتاينىڭ «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى جازا لاگېرلىرى خەلقئاراغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، رايوندىكى ئىنتېرنېت قامالى يۈكسەك دەرىجىگە چىققان، ئۇيغۇر دىيارى ئاھالىسىنىڭ قول تېلېفونلىرىغا جاسۇسلۇق يۇمشاق دېتالى قاچىلانغان.

يېقىندا گېرمانىيەدىكى يۇمشاق دېتال تور مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان «گولەم» تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتايدا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق سۆز-بايانلارغا ئورۇن بېرىلگەن چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىردەك چەكلىنىپلا قالماي، گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان خېلى كۆپ گېزىت-ژۇرنال ۋە داڭلىق مېدىيا قاناللىرىنىڭ ئىنتېرنېت ئارقىلىق خىتايغا تارقىلىشىمۇ چەكلەنگەن ياكى خىتاينىڭ «سەددىچىن مۇداپىئە تېمى» ناملىق تور يۇمتالى تەرىپىدىن كۈچلۈك كاشىلىغا يولۇقۇپ، نورمال كۆرگىلى بولمايدىغان بولۇپ قالغان.

«خىتاي گېرمانىيە مېدىيالىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ چەكلىمەكتە» ناملىق بۇ ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، گېرمانىيەدىكى مەشھۇر گېزىت-ژۇرناللاردىن «ئەينەك»، «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى»، دۆلەتلىك «كۈندىلىك خەۋەرلەر» تېلېۋىزىيە قانىلى، شىۋېتسارىيەنىڭ «SRF» دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى قاتارلىقلار بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئارقا-ئارقىدىن چەكلەنگەن. خۇددى «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نى ياكى «BBC» خەۋەرلىرىنى خىتايدا تۇرۇپ كۆرگىلى بولمىغاندەك، گېرمانىيەنىڭ بۇ مېدىيالىرىنى ئەمدى كۆرگىلى بولمايدىغان ھالغا كەلگەن.

خىتايدا «Facebook»، «Twitter»، «Youtube» قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ھەمدە «Google» نىڭ ئىزدەش سىستېمىسىنى ئىشلىتىش بۇرۇنلا مەنئى قىلىنغان. خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، بۇ يىل 7-ئاينىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «فرانكفۇرت مەجمۇئە گېزىتى» نىڭ خىتايغا تارقىلىشىمۇ چەكلەنگەن. بۇ گېزىت-ژۇرنال ۋە ت ۋ قاناللىرىدا ئۆتكەن يىلى 8-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن ماقالىلەر، خەۋەرلەر، زىيارەت خاتىرىلىرى ۋە ھۆججەتلىك فىلىملەر ئېلان قىلىنغانىدى.

«خىتاي گېرمانىيە مېدىيالىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ چەكلىمەكتە» ناملىق ئۇچۇردا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئىنتېرنېت قامالىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ كۈچەيتىشىگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، خوڭكوڭدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى سەۋەپ بولغان بولىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ چەتئەل مېدىيالىرىدىكى ئۇچۇرلارنى ئۇيغۇر دىيارىدا ئەزەلدىن كۆرگىلى بولمىسىمۇ، خىتاينىڭ ئىچكىرى رايونلىرىدا ۋە خوڭكوڭدا ئىلگىرى ئىنتېرنېت ئارقىلىق نورمال كۆرۈش مۇمكىن بولغان.

شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولم شەھرىدە ياشايدىغان د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان ۋە مىليونلاپ ئۇيغۇرنى قامىغان جازا لاگېرلىرىدا يۈز بەرگۈسى پاجىئەلەرنى دۇنيادىن يوشۇرۇش ئۈچۈن 2016-يىلىدىن باشلاپلا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى قامال قىلىش تەدبىرلىرىنى ئالدىن يولغا قويۇپ بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو شەھرىدە ياشايدىغان «نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى» نىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ توغرىسىدا توختالغاندا، «خىتاينىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى ئىنتېرنېت قامالىنىڭ ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى بىلەن زىچ ئالاقىسى بارلىقىنى، خىتاينىڭ لاگېر مەخپىيەتلىكلىرىنى يالغۇز چەتئەللىكلەردىنلا ئەمەس، ئۆزىنىڭ خىتاي خەلقىدىنمۇ يوشۇرۇش ئۈچۈن چەئەل مېدىيالىرىدىكى ھەقىقىي ئۇچۇرلارنىڭ خىتايغا تارقىلىشىغا يول قويمايۋاتقانلىقىنى، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى چەكلىمىسىز زىيارەت قىلىشىغا توسالغۇ بولىۋاتقانلىقى» نى بايان قىلىپ، «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىش، دۇنياغا ھۆكۈمران بولۇش نىيىتىنى غەرب ئەللىرىنىڭ ئاللىقاچان بىلىپ يەتكەنلىكىنى، نۆۋەتتە بۇنى مۇسۇلمان، تۈرك ئەللىرىگە جىددىي بىلدۈرۈش زۆرۈرىيىتى بارلىقى» نى تىلغا ئالدى.

مەزكۇر خەۋەردە يەنە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي چېگرا مۇداپىيە قىسىملىرىنىڭ بۇ يىلدىن باشلاپ چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ قول تېلېفونلىرىغا جاسۇسلۇق يۇمتالىنى قاچىلاپ نازارەت قىلىشقا باشلىغانلىقىمۇ ئەسكەرتىلگەن. ئەمما جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى تىلغا ئېلىنمىغان.

بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى 13-ئىيۇل ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 41-نۆۋەتلىك يىغىنىدا 37 دۆلەتنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى ئاقلاپ بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە 10-ئىيۇل خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلغان 22 غەرب دۆلىتىگە قارشى خىتاينىڭ ئوينىغان بىر ئويۇنى ئىكەنلىكىنىمۇ تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، بۇ يەردىكى دۇنيا سىياسىتى ۋە ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان 22 غەرب دېموكراتىك دۆلىتىگە مۇتلەق كۆپ قىسمى ئاجىز ھەم خىتاينىڭ كۈنلۈكى ئاستىدا ياشاۋاتقان، خىتايغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن بېقىندى بولۇپ ئۆتەۋاتقان دىكتاتور دۆلەتلەرنى ھەرگىزمۇ سېلىشتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى، غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشى بويىچە ئادىل مۇئامىلە قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت