د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ كاناداغا ئېلىپ بېرىۋاتقان 15 كۈنلۈك زىيارىتى داۋاملاشماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019-03-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى كانادا ئۇيغۇر جامىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا. 2019-يىلى مارت. كانادا.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى كانادا ئۇيغۇر جامىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا. 2019-يىلى مارت. كانادا.
RFA/Erkin Tarim

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى كانادانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىش، كانادا ھۆكۈمىتى بىلەن پارلامېنت ئەزالىرىغا رەھمەت ئېيتىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى تەلەپلىرىنى ئۇلارغا يەتكۈزۈش، كانادادىكى ئۇنىۋېرسىتېت، تەتقىقات مەركەزلىرى ھەم ئاممىۋى تەشكىلاتلاردا دوكلات بېرىش مەقسىتىدە كانادادا بىر يۈرۈش پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. بۇ قېتىمقى بۇ زىيارىتى توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ بۇ ھەقتە توختالدى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ كاناداغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتى 15 كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، 22-مارت كۈنى كانادانىڭ تورونتو شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 23-مارت كۈنى ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە نورۇز پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلغان. كانادا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى. 

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى شۇ كۈنى ئاخشام ئوقۇش ۋە خىزمەتلىرىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا مېدال تارقىتىپ بەرگەن. تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالدى. 

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 26-مارت كۈنى مونترېئال كونكوردىئا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەتقىقات مەركىزىدە دوكلات بەرگەن بولۇپ، دوكلاتىدا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالغان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتىمۇ توختالدى.

كانادا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە كانادا پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئۆتكەن يىلى 10-ئايدىن 12-ئايغىچە بولغان قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە كانادا پارلامېنتىدا 6 قېتىم گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ كاناداغا زىيارەت ئېلىپ بېرىشىنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ د ئۇ ق مۇھاجىرلار كومىتېتى مۇدىرى مەمەت توختى بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئېلىپ بېرىلغان مەزكۇر زىيارەتنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئىككى كۈندىن بۇيان مۇھىم گېزىتلەرنىڭ مۇخبىرلىرى، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ خىل ئۇچرىشىشلىرى 4-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن. مەمەت توختى ئەپەندى بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. 

د ئۇ ق رەئىسىنىڭ كانادا زىيارىتى 4-ئاينىڭ 5-كۈنىگە قەدەر داۋاملىشىدىكەن. بۇ جەرياندا ئۇ كانادانىڭ بەزى مۇھىم سىياسىي ئەربابلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بارىدىكەن ۋە مەركىزى كانادادا بولغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن جازا لاگېرلىرىغا قارشى 2019-يىلى بىرلىكتە ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرىنىڭ كۈنتەرتىپىنى ئورتاق مۇزاكىرە قىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت