باقىتئەلى: «چاپچالنىڭ ئۆزىدىلا خىتاينىڭ ‹قارا تىزىملىكى› گە چۈشكەن قازاق ۋە ئۇيغۇرلار 30 مىڭغا بارىدۇ»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2020-01-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

قازاقىستاندىكى قازاق لاگېر شاھىتلىرىدىن 47 ياشلىق باقىتئەلى نۇر 2017-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرى قازاقىستاندىن سودا قىلىپ قايتقىنىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، ئىلىنىڭ چاپچال ناھىيەسىدىكى لاگېرغا سولانغان. ئۇ بۇ لاگېردا 1 يىل 8 ئاي يېتىش جەريانىدا جىگەر ياللۇغى ۋە ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ھەمدە بۆرەك ۋە باشقا ئىچكى ئەزالىرىدىن جەمئىي 9 خىل ئوخشىمىغان كېسەللىك پەيدا بولغان.

ئۇ 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى ئائىلىسىگە قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئەلەم بىلەن: «مېنىڭدەك ساپ-ساق بىر ئادەمنى، يەنى ئائىلىسىنى بېقىش ئۈچۈن تىنماي ئەمگەك قىلىپ يۈرگەن بىر ئەرنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىر يىل قىيناپ ئاغرىقچان قىلىپ قويدى. ئۇ جايدا يېتىۋاتقانلار ھازىر قانچىلىك قىينىلىۋاتقاندۇ؟» دېدى.

باقىتئەلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ چوڭ قىزى خىتايدىكى بىر ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كەلگەندىن كېيىن چاپچالدىكى مەلۇم مەھەللە كومىتېتىغا مەمۇرلۇققا ئورۇنلاشقان ئىكەن. ئۇنىڭ قىزى بۇ خىزمەت جەريانىدا چاپچالنىڭ ئۆزىدىن «قازاق تىزىملىك» كە كىرگۈزۈلگەن قازاق، ئۇيغۇر مەمۇرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە كادىرلارنىڭ ئارخىپلىرىنى رەتلەشكە قاتناشقان ئىكەن.

باقىتئەلىنى دەسلەپ ئۇنىڭ چوڭ قىزى قازاقىستانغا داۋالىتىشقا ئېلىپ چىققان. ئارقىدىن ئۇنىڭ ئايالى گۈلنار ئېرىنىڭ قازاقىستاندا سەكراتقا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئىسپاتلاپ دائىرىلەرگە توختىماي ئەرز قىلغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇنىڭ بالىلىرى بىلەن 2019-يىلى قازاقىستانغا چىقىشىغا يول قويغان.

گۈلنار رادىيومىزغا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى ھەققىدە كۆرگەن بىلگەنلىرىنى ئاڭلاتتى. باقىتئەلى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن ئۇمۇ مەھەللە كومىتېتىدا كۈندە 10 سائەتتىن سىياسىي ئۆگىنىشكە قاتناشقان ئىكەن. گۈلنار ئۆزىنىڭ بۇ جەرياندا ئىقتىسادىي، روھىي جەھەتلەردىن ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەنلىكىنى، ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ئايال قوشنىلىرىنىڭ ئۆزىدىنمۇ ئېغىر ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولغاندەك، دەسلەپ لاگېرلارنىڭ بارلىقىنى دۇنيادىن يوشۇرۇپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى 2019-يىلىدىن باشلاپ لاگېرلارنى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» سۈپىتىدە پەردازلاپ كۆرسىتىشكە باشلىغان ئىدى. گۈلنار خانىم خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چاپچالدىمۇ شۇنداق كۆز بويامچىلىق ئويۇنلىرىنى ئوينىغانلىقىنى، چەتئەللىك مۇخبىرلار ياكى زىيارەتچىلەر كەلگەندە ئۆزلىرى مەخسۇس تاللاپ بېكىتكەن كىشىلەرنى كۆرۈشۈشكە ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

باقىتئەلىنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، يېقىندىن بۇيان بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايال رادىيومىز ۋە باشقا خەلقئارالىق تاراتقۇلارغا خىتاينىڭ چاپچالدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى قىلمىشلىرىنى ئاشكارىلىغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ چاپچالدا قالغان قېرىنداشلىرى ۋە تۇغقانلىرىغا تۈرلۈك بېسىملارنى ھەمدە تەھدىتلەرنى سېلىۋاتقان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت