«CGTN» قانىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مازارلىقلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-01-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
2019-يىلى بۇزۇۋېتىلگەن ئاقسۇ شەھىرىنىڭ غەربى شىمالىغا جايلاشقان مازارلىق.
2019-يىلى بۇزۇۋېتىلگەن ئاقسۇ شەھىرىنىڭ غەربى شىمالىغا جايلاشقان مازارلىق.
cnn.com

CNN تېلېۋىزىيەسى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى قەدىمىي مازارلىقلارنىڭ قاتتىق ۋەيرانچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر مەخسۇس خەۋەر تارقاتقان ئىدى. CNN تېلېۋىزىيەسى بۇ پروگراممىسىدا مۇشۇ ساھەدە ئىزدىنىۋاتقان تەتقىقاتچىلار ۋە گۇگۇل خەرىتىسىدە تارتىلغان سۈرەتلەرنى ئانالىز قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدا يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە 100 دىن ئوشۇق قەدىمىي مازارلىق ۋەيران قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. CNN تېلېۋىزىيەسى بۇ پروگراممىسىدا يەنە لوندوندا ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئەزىز ئەيسا دادىسى ئەيسا ئابدۇللا 2017-يىلى 11-ئايدا ۋاپات بولغاندا يەرلىككە قويۇلغان شايار مازارلىقىنىڭ تۈزلىۋېتىلگەنلىكىنى، ھازىر بۇ مازارلىقنىڭ گۇگۇل خەرىتىسىدىن كۆرۈنمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئائىلىسى بىلەنمۇ ئالاقىسى كېسىلگەنلىكتىن دادىسىنىڭ مازارلىقىنىڭ قەيەرگە يۆتكەلگەنلىكىدىنمۇ خەۋەر ئالالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

نەتىجىدە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» ۋە خىتاي مەركىزى تېلىۋىزىيەسىنىڭ چەتئەللەرگە قاراتقان تەشۋىقات ئاپاراتى بولغان «CGTN» تور تېلېۋىزىيەسى 13-يانۋار كۈنى دەرھال بۇنىڭغا قارشى بىر ۋىدىيو ئىشلەپ تارقاتتى. ئۇنىڭدا CNN تېلېۋىزىيەسىگە ھەمدە ئۇنىڭدا گۇۋاھلىق بەرگەن ئەزىز ئەيساغا ھۇجۇم قىلدى. 

«CGTN» ئۆز خەۋىرىدە ئەزىز ئەيسانىڭ ئاقسۇدىكى ئاپىسى ھەپىزەم خېنىمنى ۋە سىڭلىسىنى ئېكرانغا چىقارغان. «CGTN» مۇخبىرلىرى بۇ ۋىيدېيولۇق خەۋىرىدە «ئۇلار بىزگە ئەزىز ئەيسانىڭ دادىسىنىڭ قەبرىسىنى كۆرسىتىپ قويدى،» دەپ بايان قىلىدۇ. 

ئەزىز ئەيسا رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ «CGTN» نىڭ ئاتالمىش بۇ ۋىدىيوسىنى كۆرۈشكىمۇ تاقەت قىلالمىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇنىڭدا ئاپىسىنىڭ شۇنداق سۆزلەرنى قىلىشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى كۆرۈشكە يۈرىكى چىدىمىغانلىقىنى بايان قىلدى. 
ئەزىز ئەيسانىڭ بىزگە ئېيتىشىچە، ئۇ ئىككى كۈندىن كېيىن جاسارىتىنى يىغىپ ئاخىرى بۇ ۋىدىيونى كۆرگەن. ۋىدىيودا ئەزىز ئەيسانىڭ ئاپىسى ئۈستىگە نومۇر قويۇلغان بىر قاتار قەبرىلەرنىڭ ئىچىدىن 47 دەپ نومۇر يېزىلغان بىر قەبرە ئالدىدا تۇرۇپ، مانا مۇشۇ قەبرىنىڭ مەرھۇم ئەيسا ئابدۇللانىڭ قەبرىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. موماي يەنە كونا قەبرىستانلىقنىڭ يامغۇر ياغسىلا ئېقىپ كېتىدىغانلىقىنى، ھۆكۈمەت كۆڭۈل بۆلۈپ بۇ يېڭى قەبرىلەرنى ياساپ بەرگەنلىكىنى دەيدۇ. ئەزىز ئەيسا بولسا ئاپىسىنىڭ نامەلۇم يەردىكى، ئۈستىدە نومۇردىن باشقا ھېچنىمىسى بولمىغان بىر قەبرىنى كۆرسىتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتىپ، «بۇ كۆرۈنۈش ھېچنىمىنى ئىسپاتلىيالمايدۇ،» دېدى. 

CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ مۇخبىرى مەت رىۋېرس ئەينى چاغدا پروگراممىسىدا سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشى ۋە باشقا سۈرەتلەرنى سېلىشتۇرۇش ئاساسىدا رايوندىكى بۇزۇۋېتىلگەن مازارلىقلارنىڭ 60 تىن ئارتۇقىنىڭ ئىسىمى ۋە بۇزۇۋېتىلگەن ۋاقىتلىرىنى تېپىپ چىققان. خوتەندىكى مىڭ يىلدىن ئوشۇق تارىخقا ئىگە بولغان شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم زىيارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان «سۇلتانىم مازارلىقى» شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ مازارلىقنىڭ 2019-يىلى 4-ئاي ئەتراپىدا تۈزلىۋېتىلگەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدىلا 100 دىن ئوشۇق قەدىمىي مازارلىق ۋەيران قىلىنغان بولۇپ، مازارلىقلاردىكى نۇرغۇن قەبرىلەرنىڭ قەيەرگە يۆتكىۋېتىلگەنلىكىمۇ نامەلۇم ئىكەن. ئەزىز ئەيسا رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە بۇ قەدىمىي مازارلىقلارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى، ئەينى چاغدا فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ بېرىپ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئاللىقاچان ئىسپاتلىنىپ بولغان پاكىتلىقىنى ئېيتتى. 

«CGTN» قانىلى ئۆزىنىڭ تەشۋىقات ۋىدىيوسىدا شاياردىكى مازارلىقلارنىڭ ۋەيران قىلىنىشىنى ئاقلاپ: «ئۇيغۇرلارنىڭ مازارلىرى ئاددىي توپىلىق ئىدى، ھەرقېتىم يامغۇر ياغسا ئېقىپ كېتەتتى، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ھازىر رەتلىك چىرايلىق مازارلىقلىرى بولدى،» دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلەتكەن. ئەزىز ئەيسا «CGTN» نىڭ بۇ سۆزلىرىنى تەنقىدلەپ، قەدىمىي مازارلىقلارنى ھەرقانداق سەۋەب بىلەن يۆتكەشنىڭ ئۆزى بىر جىنايەت، دەپ تەكىتلەپ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆلۈكلەرگىمۇ ئارام بەرمەيۋاتىدۇ،» دېدى. 

ئەزىز ئەيسانىڭ بىزگە بىلدۈرۈشىچە، «CGTN» تېلېۋزىيەسىنىڭ بۇ تەشۋىقات ۋىدىيوسىدا ئاپىسىنى يۆلەپ چىققان قىز دەل ئۇنىڭ سىڭلىسى بولۇپ، ئۇ ئىنتايىن ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن ئاشۇ سىڭلىسىنىڭمۇ لاگېردا بىر يىلدىن ئارتۇق يېتىپ چىققانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. ئۇ: «بۇنى ئاڭلاپ مېنىڭ ئاچچىقىم نەچچە ھەسسە ئارتتى،» دەيدۇ. 

بىراق ئەزىز ئەيسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق ساختا تەشۋىقات ۋىدىيولىرى ئارقىلىق ھېچكىمنى ئۆزىگە ئىشەندۈرەلمەيدىغانلىقىنى ۋە بۇ قىلغانلىرىنىڭ سوراقسىز قالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. 

ئەزىز ئەيسا CNN تېلېۋىزىيەسى مۇخبىرى مەت رىۋېرسقا قىلغان سۆزىدە مازارلىقلارنى يوقىتىش ھەرىكىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي يىلتىزىنى يوقىتىشنى نىشان قىلغان ھەرىكەتلىرىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ‹مىللىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ› دېگەن. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى ئەمەلىيەتنى ئاشكارىلىغانلىقى ئۈچۈن ئاپىسىنى سۆزلىتىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى «بىر بىچارىلىق» دەپ تەكىتلىدى. 

خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقات ۋىدىيوسى «زېمىستان» تورى ۋە شۇنداقلا ئاۋسترالىيەنىڭ «ABC» تېلېۋىزىيەسى قاتارلىق خەۋەر ئورگانلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلارمۇ خىتاينىڭ بۇ ساختا تەشۋىقات قانىلىنىڭ پروگراممىلىرى ۋە ئۇلارغا قارىتا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىنكاسلىرىنى خەۋەر قىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت