تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى زىننەتگۈل تۇرسۇننىڭ قايتۇرۇلۇش مەسىلىسىنىڭ تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-08-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا زىننەتگۈل تۇرسۇننىڭ قايتۇرۇلۇش مەسىلىسىنىڭ تەكشۈرۈلىدىغانلىقى ۋە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قاراپ قانۇنىي تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخاننىڭ 3‏-ئاۋغۇست فېيسبۇكتىكى ئۇچۇرىدا ئاشكارىلىشىچە، سۇلايمان سويلۇ بۇ سۆزلەرنى 3‏-ئاۋغۇست كۈنى تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىگەن. بۇ يىل 6‏-ئايدا تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى زىننەتگۈل تۇرسۇن ئىسىملىك غۇلجالىق ئايالنى 2 بالىسى بىلەن تاجىكىستان ئارقىلىق خىتايغا قايتۇرۇۋەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان. تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى زىننەتگۈلنىڭ قايتۇرۇلغانلىقىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تۈركىيەدە ئىكەنلىكىگە ھەققىدە ھېچقانداق دەلىل كۆرسىتىپ بېرەلمىگەن ئىدى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ۋەكىللەر جۈمە كۈنى سۇلايمان سويلۇ بىلەن كۆرۈشكەندە زىننەتگۈلنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەسىلىدىكى «ئىزتىراپ ۋە ئەندىشىلىرى» نى يەتكۈزگەن. سۇلايمان سويلۇ «بۇ مەسىلىنىڭ رەسمىي تەپتىش ھەيئىتى ئارقىلىق تەكشۈرۈلۈپ، نەتىجىگە كۆرە قانۇنىي ئىجرائات يۈرگۈزۈلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ھىدايەتۇللا ئوغۇزخاننىڭ ئاشكارىلىشىچە، سۇلايمان سويلۇ يەنە جۈمە كۈنى تاجىكىستان ئەلچىخانىسىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلىپ، «بىر ئۇيغۇرنى تاجىك، دەپ ئېلىپ كېتىشتەك بۇ ھەرىكەتكە ئارىلاشقان ياكى ئارىلاشمىغانلىقى» ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قەتئىي قايتۇرۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. سۇلايمان سويلۇ يەنە ۋەكىللەرنىڭ تەلىپىگە بىنائەن تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان 47 نەپەر ئۇيغۇرنى قويۇپ بېرىشنى، ساقچىلارغا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيەت ۋە ۋەخپىلىرىگە تۇيۇقسىز بېسىپ كىرىپ ئاۋارە قىلماسلىق ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا خىتاينىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا 10 كىشىلىك تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ھىدايەتۇللا ئوغۇزخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۈمە كۈنىدىكى ئۇچرىشىشتا ئۇلار بۇنىڭغا دائىر 16 ماددىلىق تەۋسىيە ۋە تەكلىپ سۇنغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت