خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىللىق ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسىدە بىخەتەرلىكنى قوغداشقا «روبوت ساقچىلار» نى ئىشقا سالغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-08-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي ساقچىلىرىنىڭ روبوتنى كونترول قىلىش ئارقىلىق ۋوگزالنىڭ ئامانلىقنى كۆزىتىۋاتقان كۆرۈنۈشى.  2019-يىلى 21-يانۋار، گۇاڭجۇ.
خىتاي ساقچىلىرىنىڭ روبوتنى كونترول قىلىش ئارقىلىق ۋوگزالنىڭ ئامانلىقنى كۆزىتىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2019-يىلى 21-يانۋار، گۇاڭجۇ.
REUTERS

خىتاينىڭ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسى 15‏-ئاۋغۇست كۈنى ئۈرۈمچىدە باشلانغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىللىق يەرمەنكىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تۇنجى قېتىم «روبوت ساقچىلار» نى، يەنى ماشىنا ئادەم ساقچىلارنى ئىشقا سېلىپ، چارلاش ئىشلىرىنى بۇ روبوتلار ئارقىلىق ئېلىپ بارغان.

بۇ يىللىق ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا 2 مىليوندەك مۇسۇلماننى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك دىگىتال تەقىبلەشنى يولغا قويۇشى 3‏-يىلغا قەدەم قويغان بىر مەزگىلدە ئۆتكۈزمەكتە. خىتاينىڭ رايوندا سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشنى سىناق قىلىشى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا قاتتىق ئەندىشە قوزغىغان. ئۇلار خىتاينىڭ بۇ تېخنىكىنى باشقا ئىستىبدات دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىستىبدات سىستېمىسىنى كېڭەيتىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەنىدى.

«خىتاي خەۋەرلەر» تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي بۇ نۆۋەتلىك ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسىدە سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىغا ئالاقىدار 20 مىڭ پارچە مەھسۇلاتنى كۆرگەزمىگە قويىدىكەن. خىتاينىڭ يەرمەنكىدە ئىشقا سالغان روبوت ساقچىسى تاماشىبىنلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان. مەزكۇر روبوتقا يۈز تونۇش يۇمتالى ۋە جىنايەتچىلەر سانلىق ئامبىرى قاچىلانغان بولۇپ، ئۇ «گۇمانلىق كىشىلەر» نى دەرھال بايقاپ، ئىز قوغلىيالايدىكەن ھەم ساقچىغا مەلۇم قىلىدىكەن. لېكىن، مەزكۇر روبوت ساقچىنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەر بىلەن خىتايلارنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى بار-يوقلۇقى مەلۇم ئەمەس.

ئىلگىرى بەزى خىتاي تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ بۇ خىل يۈز تونۇش يۇمتالىنى ئىشلەپچىقىرىپ، كامېرالارغا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، بۇ كامېرالارنىڭ بىر قاراپلا كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر ياكى ئەمەسلىكىنى پەرقلەندۈرىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. مەزكۇر پروگرامما خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراپ، خىتاي ھۆكۈمىتى «ئىرقچىلىق» بىلەن ئەيىبلەنگەنىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت