ئۇيغۇرلارنىڭ «ئاندرويىد» يانفونلىرىمۇ «ئالما» يانفونلىرىدەك ھۇجۇمغا ئۇچرىغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-09-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

فوربېس ژۇرنىلى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار قوللىنىۋاتقان ئاندرويىد يانفونلىرىنىڭمۇ خۇددى «ئالما» شىركىتىنىڭ يانفونلىرىغا ئوخشاشلا ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

تېخى بىر كۈن ئاۋۋال، فوربېس ژۇرنىلى خەۋەر تارقىتىپ، گوگۇل ۋە مىكروسوفت سىستېمىلىرىنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ «ئالما» تېلېفونلىرىغا سۇقۇنۇپ كىرىپ ئۇچۇر ئوغرىلايدىغان بىر تور جاسۇسلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

3-سېنتەبىر كۈنى فوربېس ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «ئالما» شىركىتىنىڭ ئايفونلىرىغا قىلىنغان يۇقىرىقىدەك ھۇجۇمغا «ئاندرويىد» يانفونلىرىمۇ ئوخشاش ئۇچرىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەخسۇس چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تېلېفونلىرىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوغرىلاشنى مەقسەت قىلغان بۇ خاككىرلار ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار كۆپ زىيارەت قىلىدىغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، تۈركىستان خەۋەرلىرى، تۈركىستان تېلېۋىزىيەسى ۋە ئىستىقلال خەۋەر تور بەتلىرى قاتارلىق 11 تور بەتكە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، بۇ تور بەتلەرنى ئۇنى زىيارەت قىلغان ئايفون ياكى ئاندرويد تېلېفونلىرىنى يۇقۇملاندۇرىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتكەن. نەتىجىدە، بۇ تور بەتلەرگە كىرگەن يانفونلار جاسۇسلۇق ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ جاسۇسلۇق ۋىرۇسى ئايفون ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئايفونىدىكى مەۋجۇت بىخەتەرلىك بوشلۇقىدىن پايدىلىنىپ، يانفوندىكى سۈرەت، قىسقا ئۇچۇر ۋە شۇنداقلا يەنە ۋاتسئاپ، تېلېگرامما قاتارلىق ئالاقە يۇمتاللىرىدىكى ئۇچۇرلىرىنى شۇنداقلا يانفون ئىگىسىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئوغرىلىغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، گوگۇل شىركىتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بۇ ۋىرۇسنى بايقاپ، ئەھۋالنى «ئالما» شىركىتىگە مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار بۇ يىل 2‏-ئايدا ئايفوندىكى بۇ بوشلۇقنى ئېتىۋەتكەن بولسىمۇ، ئۇ ئارىلىقتا زادى قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ يانفونىدىكى ئۇچۇرنىڭ ئوغرىلانغانلىقى ئېنىق ئەمەس.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت