خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچىلەرنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىشى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-02-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بەزى ئەزالىرىنىڭ خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ 3 نەپەر ياش رەھبىرىنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق بىئارام قىلغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ 3 ياشنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى نامايىشنىڭ «پۈتۈنلەي قانۇنسىز نارازىلىق» دەپ بېكىتىلگەنلىكى، چەتئەللەرنىڭ خوڭكوڭنىڭ «ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشقا چاقىرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماركو رۇبىئو قاتارلىق 12 نەپەر ئەزاسى 2014‏-يىلى پارتلىغان خوڭكوڭدىكى «كۈنلۈك دېموكراتىيە ھەرىكىتى» ۋە ئۇنىڭ جاشۇا ۋاڭ، ناتان لو، ئالىكس چۇ قاتارلىق 3 نەپەر رەھبىرىنى بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسەتكەن. ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتا ئەزالىرى نوبېل تىنچلىق كومىتېتىغا يازغان مەكتۇبىدا «خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە پائالىيەتچىلىرىنىڭ بېيجىڭ خوڭكوڭنىڭ ئۆز ئۆزىنى باشقۇرۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە خوڭكوڭنىڭ كېلەچىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئاكتىپ ئىزدىنىپ، تىنچلىققا مۇھىم تۆھپە قوشقان» لىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭدىن بۇرۇن ياۋروپادىكى بەزى تەشكىلاتلار ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بەزى ئەزالىرى خىتاي تۈرمىسىدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسەتكەن ئىدى. 

ئۇلار، ئىلھام توختىنىڭ «ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا دىئالوگ قۇرۇپ، تىنچلىق، ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشقانلىقى ۋە شۇ سەۋەبلىك بەدەل تۆلىگەنلىكى» نى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئەڭ لايىق نامزات ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، «بىز ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئالاقىدار ئەزالىرىنى خوڭكوڭ ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشقا چاقىرىمىز شۇنداقلا ئۇلارنى خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىسىز ئىشلارنى ئەمەس، بەلكى پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندەيمىز،» دېگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، جاشۇا ۋاڭ «بىز تۈرمىگە قامالغان ياكى سىياسىي ھوقۇقىمىز چەكلەنگەن تەقدىردىمۇ، لېكىن بۇ نامزاتلىق خەلقئارا جەمئىيەتكە ۋە شى جىنپىڭغا خوڭكوڭدىكى يېڭى ئەۋلادلارنىڭ دېموكراتىيە ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىدۇ،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت