خوڭكوڭدا مۇستەبىتلىككە قارشى نامايىش بولدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-12-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يەكشەنبە كۈنى خوڭكوڭدا بىر قانچە مىڭ كىشى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىتىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرگەن. رادىئومىز گۇاڭدۇڭ بۆلۈمىنىڭ ئىگىلىشىچە، خوڭكوڭدىكى سوتسىيال دېموكراتلار بىرلەشمىسى، دېموكراتىيىنى ھىمايە قىلىدىغان «خوڭكوڭ دەموسىستو» پارتىيەسى، دېموكراتلار پارتىيەسى، پۇقرالار پارتىيەسى قاتارلىق بىر قىسىم پارتىيە-گۇرۇھلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار «مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە قارشى تۇرۇش» شوئارى ئاستىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۈپ مەقسىتى سىياسىي زەربە بېرىشكە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر. نامايىشچىلار خوڭكوڭدا يېقىنقى يىللاردا پۇقرالارنىڭ نارازىلىق پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلانغان ۋە ياكى تەقىبلەشكە ئۇچرىغان سىياسىي جىنايەتچىلەرنى قوللاش ھەم ئۇلارغا ياردەم كۆرسىتىش، بۇ ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش قاتارلىقلارنى مەقسەت قىلغان

نامايىشچىلارنىڭ ئادەم سانى كۆپەيگەندە ئىككى مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، ئۇلار كوچا ئايلانغاندىن كېيىن، خوڭكوڭ سوت مەھكىمىسى ئالدىدا توپلىشىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە ئۇلار «سىياسىي كونتروللۇققا قارشى تۇرىمىز» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىغان ھەمدە خوڭكوڭ ئەدلىيە ئىدارىسى باشلىقى يۈئەن گوچياڭنى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپاھ بېرىشكە چاقىرغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت