خوڭكوڭدا مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىققا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-10-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ 1949-يىلى، 1-ئۆكتەبىر كۈنى «جۇڭخۇا مىنگو» ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇش بەدىلىگە قۇرغان ھاكىمىيىتىنىڭ 68 يىللىقىنىڭ غەلىبە تەنتەنىسىنى قىلىۋاتقان 1-ئۆكتەبىر كۈنى خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك تەشكىلات ۋە گۇرۇھلار يېتەكچىلىكىدە كەڭ كۆلەمدە نامايىش ئۆتكۈزۈلۈپ، نامايىشچىلار خىتاي كومپارتىيىسى ھاكىمىيىتى قۇرۇلغان غەلىبە تەنتەنىسى ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەتنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشىلىق بىلدۈرگەن شۇنىڭدەك خوڭكوڭدا قاماقتا يېتىۋاتقان 16 سىياسىي مەھبۇسنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ خوڭكوڭدىن ئىگىلىگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نامايىشقا تەخمىنەن 40 مىڭ ئادەم قاتناشقانلىقى پەرەز قىلىنسىمۇ، ئەمما ساقچى تەرەپ نامايىش ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققاندا 4مىڭ 300 ئادەمگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. نامايىشچىلار قوللىرىدا «سىياسىي باستۇرۇشقا قارشى تۇرىمىز»، «خوڭكوڭ مۇستەقىللىقى» دېگەندەك لوزۇنكىلارنىمۇ كۆتۈرۈشكەن. نامايىشچىلار، يەنە خوڭكوڭ ئەدلىيە ئىدارىسى باشلىقى يۈەن گوچياڭنى ئىستېپا بېرىشكە چاقىرغان. 

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە بولسا، تەخمىنەن 10 مىڭدىن ئارتۇق نامايىشچى خوڭكوڭ شەھىرىدىكى ۋىكتورىيە باغچىسىدىن ئاتلانغان بولۇپ، يول ئۈستىدە ئادەملەر داۋاملىق توپقا قوشۇلغان ۋە نامايىشچىلار، دېموكراتىيە ھەم قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، بارلىق سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى باشقۇرۇشى قاتارلىق مەزمۇنلاردىكى شوئارلارنى توۋلاشقان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت