خوڭكوڭدا 60 مىڭ كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-07-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خوڭكوڭنىڭ خىتاي قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقى خاتىرىلىنىپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خوڭكوڭنى زىيارەت قىلىۋاتقاندا، شەنبە كۈنى خوڭكوڭدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش يۈزبەرگەن.

رادىئومىز گۇاڭدوڭ بۆلۈمىنىڭ ئىگىلىشىچە، نامايىشقا 60 مىڭ ئادەم قاتناشقان بولۇپ، نامايىش شوئارى «20 يىللىق بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم خوڭكوڭ دېموكراتىيە ۋە ئاپتونومىيىسىنى تارتىۋالدى» دېگەندىن ئىبارەتتۇر. 

شەنبە ، يەنى 1-ئىيۇل كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن دېموكراتىيە تەلەپ قىلىنغان نامايىشنى تەشكىللىگەن خوڭكوڭ ئاممىۋى كىشىلىك ھوقۇق فرونتى ھەر يىلى بىرىنچى ئىيۇل كۈنى نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ يىلقى نامايىشقا 60 مىڭ ئادەم كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن، ئەمما ساقچى تەرەپ، 14 مىڭ 500 ئادەم قاتناشقانلىقىنى ئېيتقان. 

نامايىشچىلار، ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى قوغداش شوئارلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم ئۆكتىچى زات ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىشنى شۇنىڭدەك يېڭىدىن تەيىنلەنگەن خوڭكوڭ ئالاھىدە رايون باشلىقى كەررى لامنڭ تەختتىن چۈشىشىنى تەلەپ قىلغان.1-ئىيۇل كۈنى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا كەررى لام خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى رەسمىي زىممىسىگە ئالغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت