خوڭكوڭدا 2 مىليوندەك ئادەم نامايىش قىلىپ، «قاچقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇن» نىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-06-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خوڭكوڭدا 16‏-ئىيۇن كۈنى ئىككى مىليوندەك ئادەم نامايىش قىلىپ، خوڭكوڭ دائىرىلىرىنىڭ «قاچقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇن لايىھىسى» نى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. بۇ، خوڭكوڭدا يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە پارتلىغان 2‏-قېتىملىق زور كۆلەملىك نامايىشتۇر. چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ خوڭكوڭ تارىخىدا پارتلىغان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بىر قېتىملىق نامايىش ئىكەن. خوڭكوڭدا 9‏-ئىيۇن كۈنى پارتلىغان 1‏-قېتىملىق نامايىشقا بىر مىليون 300 مىڭدەك ئادەم قاتناشقانىدى. ساقچى تەرەپ يەكشەنبە كۈنىدىكى نامايىشقا 338 مىڭ ئادەم قاتناشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن نامايىشنى تەشكىللىگۈچىلەر ئۇنىڭغا 2 مىليوندەك ئادەم قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ب د ت نىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، «كىشىلىك ھوقۇق فرونتى» ناملىق ئاممىۋى گۇرۇھنىڭ مەسئۇلى جىمىي شى، يەكشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، «بۈگۈنكى نامايىشقا 2 مىليوندەك ئادەم قاتناشتى» دېگەن. خوڭكوڭ ۋالىسى لىن جېنيۈي خەلقنىڭ بېسىمىدا شەنبە كۈنى «قاچقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇنى» نى مۇزاكىرە قىلىشنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان، شۇنىڭدەك يەكشەنبە كۈنى مەزكۇر قانۇن لايىھىسى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىغان. لېكىن نامايىشچىلار يەكشەنبە كۈنى قانۇن لايىھىسىنىڭ توختىتىلىشى يېتەرلىك ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ پۈتۈنلەي بىكار قىلىنىشى ۋە خوڭكوڭ ۋالىيسىنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

خوڭكوڭ ۋالىيسى لىن جېنيۈنىڭ «قاچقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇن لايىھىسى» تەييارلاپ، خوڭكوڭ پارلامېنتىغا سۇنۇشى خوڭكوڭ خەلقىدە قاتتىق ئەندىشە قوزغاپ، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغان. خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ قانۇن خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئەدلىيە مۇستەقىللىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئۇنى خىتاينىڭ ئادەتتىكىدەك بىر ئۆلكىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدىكەن.

خوڭكوڭ خەلقىنىڭ نارازىلىق نامايىشى خەلقئارادا زور قوللاشقا ئېرىشكەن. د ئۇ ق بايانات ئېلان قىلىپ، خوڭكوڭ خەلقىنى قوللايدىغانلىقى، ئۇلارغا ھەمدەمدە بولىدىغانلىقى، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ «ئەركىنلىكى ۋە ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىدىن ئىلھاملانغانلىقى» نى بىلدۈرگەن ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، 16‏-ئىيۇندىكى نامايىشتا ھېچقانداق توقۇنۇش يۈز بەرمىگەن. نامايىشچىلار خوڭكوڭ ۋىكتورىيە باغچىسىدىن يولغا چىقىپ، پارلامېنتقا قەدەر يۈرۈش قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت