خوڭكوڭدا خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇن ئۆزگەرتىشىگە قارشى نامايىش بولدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2018-03-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق يىغىنى بېيجىڭدا باشلانغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئاساسى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، يەنى دۆلەت رەئىسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش قېتىم سانىنىڭ بىكار قىلىنىشنى قارار قىلماقچى بولۇش خەلقئارالىق غۇلغۇلىلارنى قوزغاۋاتقاندا، خوڭكوڭدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

4-مارت كۈنى خوڭكوڭدىكى بىر قىسىم دېموكراتىك پارتىيە ۋە ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرى بېيجىڭنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى ئالدىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت رەئىسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشى ۋە شەخسىي ئىلاھلاشتۇرۇشقا قارشى مەيدانىنى بىلدۈرگەن. 

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر نارازىلىق پائالىيىتىنى تەشكىللىگۈچى گۇرۇھلاردىن «خوڭكوڭ ئاھالىلىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلەر ۋە دېموكراتلارنى قوللاش بىرلەشمىسى» بىلەن «خوڭكوڭ سوتسىيال دېموكراتلار ئىتتىپاقى» قاتارلىقلارنىڭ مەسئۇللىرى سۆز قىلىپ، مۇستەبىتلىكنى تۈگىتىشنى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ يىغىندا ئاساسىي قانۇن ئۆزگەرتىشكە قارشى بېلەت تاشلىشىنى تەلەپ قىلغان. گەرچە، نامايىشچىلارنىڭ سانى بەك كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلار قوللىرىدا «شەخسىنى ئىلاھلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرايلى»، «مۇستەبىتلىكنى تىرىلدۈرۈشكە قارشى تۇرايلى» دېگەندەك تۈرلۈك پلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ ۋە شۇ خىلدىكى شوئارلارنى توۋلاپ، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن.

نامايىشچىلار ئۆزلىرىنىڭ خىتايدىكى مۇستەبىتلىكنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، بېيجىڭنىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم»، «خوڭكوڭلۇقلار خوڭكوڭنى ئىدارە قىلىش» قاتارلىق ۋەدىلىرىدىن يېنىۋېلىش ئەندىشىلىرىنى بىلدۈرۈشكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت