خوڭكوڭدا نامايىشلار قايتىدىن باش كۆتۈردى، ساقچىلار 12 كىشىنى تۇتقۇن قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2014-12-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خوڭكوڭ ساقچى دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى 12 نامايىشچىنى تۇتقۇن قىلغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خوڭكوڭدا 3 ئايغا يېقىن ۋاقىت داۋام قىلغان نامايىش ئۆتكەن ھەپتىلەردە ساقچىلار تەرىپىدىن مەجبۇرىي ھالدا ئاياغلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، بىراق پەيشەنبە كۈنى بىر قىسىم نامايىشچىلار قايتىدىن موڭكوك رايونىغا كېلىپ نامايىش قىلىپ، مەيداننى ئىگىلىمەكچى بولغان. ساقچىلار نامايىشچىلارنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارغا كۆز ياشارتقۇچى بومبا ئاتقان ۋە 12 نەپىرىنى تۇتقۇن قىلغان. كېلىپ چىققان توقۇنۇشتا ئىككى نەپەر ساقچىمۇ يارىلانغان.

خوڭكوڭدا نەچچە ئون مىڭلىغان ئوقۇغۇچى ئۆتكەن ئايلاردا بېيجىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭ ۋالىيسى نامزاتلىرىنى بەلگىلەپ بېرىدىغانلىقىغا قارشى چىقىپ، نامايىش قىلغان. ئۇلار 2017-يىلىدىكى سايلامدا خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئۆز ۋالىيسىنى ئۆزى سايلاپ چىقىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن سۆزلىشىشنى تەلەپ قىلغان. بىراق، ئۇلارنىڭ بۇ تەلىپى جاۋابسىز قالدۇرۇلدى. ساقچى دائىرىلىرى 15-دېكابىر كۈنى بارلىق چېدىرلارنى تازىلاپ، نامايىشنى مەجبۇرىي ئاياغلاشتۇرغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت