خوڭكوڭدا مۇستەقىللىق ئىدىيەسىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى مەلۇم

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-01-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۈگۈن «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» دە ياپونىيە ياماناشى گاكۇئىن ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى يې جېڭليەن تەرىپىدىن يېزىلغان «خوڭكوڭ خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىمۇ؟» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى.

ماقالىدە، خوڭكوڭنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۈرگەندەك ھەقىقەتەن ئەزەلدىن خىتاينىڭ زېمىنى ئىكەنلىكى تالاش - تارتىش قىلىنغان. ئاپتور ماقالىسىدە، خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە پارتىيەسىگە تەۋە نۇرغۇن كىشىلەر ئوخشىمىغان سەۋەبلەر بىلەن «خىتاينىڭ خوڭكوڭنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بار» دېگەن كۆز قاراشنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما باشقا دېموكراتچىلارنىڭ، ياشلارنىڭ ۋە زىيالىيلارنىڭ ئۇنداق دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ تارىخىي ئىسپاتلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى بايان قىلغان.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئالدىنقى ئايدا خوڭكوڭ ئۇنۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇتەخەسسىلەر ئەنگىلىيە باشقۇرۇشى ئاستىدىكى خوڭكوڭ بىلەن خىتاي باشقۇرۇشىدىكى خوڭكوڭنىڭ ۋەزىيىتىنى سېلىشتۇرۇپ، خوڭكوڭنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئەنگىلىيە باشقۇرغان مەزگىلدىكىدىن چېكىنىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.  ئۇلار، «ئەگەر خوڭكوڭ ئۆز ئالدىغا ئىدارە قىلىنغان تەقدىردە تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ،» دېگەن خۇلاسىنى چىقارغان.

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، خوڭكوڭ مۇستەقىللىقى ھازىر بارغانسېرى بازار تېپىۋاتقان بىر كۆز قاراش بولۇپ، نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر خوڭكوڭنىڭ تارىختىن بۇيان ئىرق، مەدەنىيەت ۋە تىل جەھەتتىن خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتىكەن. ئۇلار، تارىخىي مەنبەلەردە خوڭكوڭنىڭ ئەينى چاغدا چىڭ خاندانلىقى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تۇرۇپ، ھازىرقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىمۇ «خوڭكوڭنى مۇستەملىكە قىلغان،» دېگەن ئىدىيەنى ئالغا سۈرىدىكەن.

ئاپتور ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى غەرب دۆلەتلىرىنى مۇستەملىكىچىلىك بىلەن ئەيىبلىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭمۇ بىر مۇستەملىكىچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، يېقىندا خوڭكوڭ ئۇنۋېرسىتېتلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر راي سىناشتا ئوقۇغۇچىلاردىن ئۆزىنى «جۇڭگولۇق» ياكى «جوڭگوغا تەۋە خوڭكوڭلۇق» ۋە ياكى «خوڭكوڭلۇق» دېگەنلەردىن قايسىسىغا تەۋە ئىكەنلىكى سورالغىنىدا، 18 ياشتىن 29 ياش ئارىلىقىدىكى 70 پىرسەتنت كىشىنىڭ ئۆزىنى «خوڭكوڭلۇق» دەپ ئاتايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بارلىق ياش گۇرۇپپىلاردىكى كىشىلەر ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان راي سىناشتىمۇ 68 پىرسەنت كىشى ئۆزىنى «خوڭكوڭلۇق» دەپ ئاتىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت