خىتاينىڭ «ياغاچ ئات» ناملىق ۋىرۇسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانلىقى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-09-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

گوگۇل شىركىتى يېقىندا «ياغاچ ئات» ناملىق مەخسۇس ئايفون قوللانغۇچى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان بىر خىتاي جاسۇسلۇق ۋىرۇسىنى بايقىغان.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گوگۇل شىركىتى بۇ ۋىرۇسنىڭ بەزى زىيانلىق تور بەتلىرىگە يوشۇرۇنغانلىقى، ئۇنىڭ بۇ تور بەتلىرىگە كىرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئايفونىغا يۇقۇپ، ئايفوندىكى سانلىق ئۇچۇرلارنى ئوغرىلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ئۇچۇرنى ئامېرىكادىكى «فوربېس» ۋە «تەك كرانچ» ناملىق بىر تېخنىكا تورى ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىغان. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ جاسۇسلۇق ۋىرۇسى مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ ئايفونىغا يۇقىدىكەن. خەۋەردە بۇ ۋىرۇسنىڭ ئايفون ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئايفوندىكى مەۋجۇت بىخەتەرلىك بوشلۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئايفون ئىشلەتكۈچىنىڭ سۈرەت، ۋاتسئاپ، تېلېگرامما، ئايمەساج قاتارلىق ئالاقە يۇمتاللىرىدىكى ئۇچۇرلىرىنى شۇنداقلا ئىشلەتكۈچىنىڭ ئورنى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئوغرىلىغان بولۇشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، گوگۇل شىركىتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بۇ ۋىرۇسنى بايقاپ، ئەھۋالنى «ئالما» شىركىتىگە مەلۇم قىلغان. «ئالما» بۇ يىل 2‏-ئايدا بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئايفوندىكى بۇ بوشلۇقنى ئېتىۋەتكەن. لېكىن گوگۇل شىركىتى ئايفون ئىشلەتكۈچى قانچە ئۇيغۇرنىڭ ۋە كونكرېت قايسى ئابونتلارنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، گوگۇل شىركىتى ئۆتكەن ھەپتە بۇنىڭغا دائىر بەزى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا پەقەت «‹بەزى ئىجتىمائىي توپلار› نىڭ ئايفون سانلىق ئۇچۇرى ئوغرىلانغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئابونت يۇقۇملانغان بىرەر تور بېكىتىگە كىرگەن بولسا، ئۇ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان بولۇشى ۋە ھۇجۇمدا ھەر ھەپتىسى نەچچە مىڭ ئابونت تەسىرگە ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن،» دېيىلگەن.

«فوربېس» ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، «ئالما» شىركىتىنىڭ ئايفونى بۇ ۋىرۇسنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇپلا قالماي، گوگۇلنىڭ ئاندروئىد سىستېمىسى ۋە مىكروسوفتنىڭ windows سىستېمىسىنى ئورناتقان كومپيۇتېرلارمۇ بۇ ۋىرۇسنىڭ ھۇجۇم نىشانى ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت