دىپلومات تورى دۇنيانى خىتاينىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا يول قويماسلىققا ئۈندىگەن

مۇخبىرىمىز سادا
2018-10-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندا «دىپلومات» تورىغا «خىتاينىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ۋە دۆلەتنىڭ ۋىجدانى» ناملىق بىر مۇھاكىمە ماقالىسى بېسىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا يۈرگۈزۈۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ۋە ھاكىممۇتلەقلىق تۈزۈمى مۇھاكىمە قىلىنغان.

ماقالىنىڭ باشلانمىسىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ئېلان قىلغان يىللىق دوكلات تىلغا ئېلىنغان. دوكلاتتا بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا يوقىتىش خاراكتېرلىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنى يولغا قويغانلىقى تەكىتلەپ ئۆتۈلگەن.

ماقالە ئاپتورى بېن لوۋسېن مەزكۇر ماقالىسىدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدىن «مىراس» قالغان ئىرقىي قۇرۇتۇش پروگراممىسىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى نۇقتىلىق ئەسكەرتكەن. ئۇنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئاتالمىش «جازا لاگېرلىرى» غا قامىلىشى خىتاينىڭ ئىرقىي قۇرۇتۇش تارىخىدىكى ئىنتايىن زور مىقداردىكى سان ھېسابلىنىدىكەن.

ماقالىدە يەنە «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا قارىتا خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ھەققىدىكى تەلىپىمۇ تىلغا ئېلىنغان. ماقالە ئاپتورى مەزكۇر تەكلىپكە قارىتا ئۆز كۆز-قارىشىنى بايان قىلىپ، ئەگەر دۇنيا بۇنداق ۋەزىيەتنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرمىسە، بۇ خىتاينىڭ ئىرقىي تازىلىشىغا يول قويغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەچ، خەلقئارانى تېزدىن ھەرىكەت قوللىنىشقا ئۈندىگەن.

بېن لوۋسىن شۇ قاتاردا يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە تەكلىپ بېرىپ، خىتاي ئىرقىي تازىلاش ھەرىكىتىنى توختاتقۇچە، ئۇنىڭغا ئېغىر ئىقتىسادىي جازا قوللىنىشنىڭ مۇناسىپلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئۇ يەنە مۇنۇلارنى قەيت قىلغان: «خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا ھەممە چەكلىمىنى بىرلا ۋاقىتتا ئىجرا قىلىش بەلكىم ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئامېرىكا خىتايغا جازانىڭ تەمىنى تېتىش ئۈچۈن ۋاقىت بېرىشى كېرەك.»

بېن لوۋسېن ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن دۇنيادىكى دېموكراتلارغا چاقىرىق قىلىپ، خىتاينىڭ بېسىمىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قوغداشنى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا، خىتاينىڭ قىلىۋاتقان خاتالىقلىرى ئۈچۈن قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرماسلىققا دەۋەت قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت