كامران بۇخارىي: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىككىنچى رۇسىيە بولۇۋېلىشىنى چەكلىشى لازىم!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-08-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ يىل ياز ئايلىرىدىن بۇيان خىزمەت زىيارىتى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنلىرى سەۋەبىدىن ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدا، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا كۆپ قېتىملاپ زىيارەتتە بولدى.

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «يەر شارى سىياسىتى مەركىزى» نىڭ دىرېكتورى كامران بۇخارىي بۇ ھادىسىلەرنى تاسادىپىي ئىشلار ئەمەس، دەپ قارايدۇ ھەمدە «خىتاي مۇشۇنداق قىلىپ يۈرۈپ رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى سىمۋوللۇق ئورنىغا چىقىشنىڭ قەستىگە چۈشمەكتە» دەپ كۆرسىتىدۇ.

ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتىكى «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئىقتىسادىي تەسىرىنى تېزدىن ئاشۇرماقتا ئىكەن. بولۇپمۇ رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن تەدرىجىي چېكىنىپ چىقىشى بىلەن پەيدا بولغان تەسىر كۈچى بوشلۇقىنى خىتاي مەبلەغ سېلىش شەكلىدە تولدۇرۇشنىڭ كويىغا چۈشمەكتىكەن. ئامېرىكا ئۈچۈن تولىمۇ ئوڭ كېلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇش ماھىيەتتە خىتاينىڭ قۇرۇقلۇقتىكى يەنە بىر تەھدىت بولۇشىغا يول قويغانلىق بولىدىكەن.

ئاپتورنىڭ پىكرىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا بىر قەدەر زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرگەن قازاقىستاننىڭ نېفىت ئېكسپورتى ۋە يېنىك سانائەت بۇيۇملىرى ئىمپورتى ئاساسىي جەھەتتىن خىتاي بىلەن بولىدىغان سودىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدىكەن. يەنە بىر ياقتىن قازاقىستان ئىزچىل ھالدا ئۆزىنى رۇسىيەدىن ئۇزاقلاشتۇرۇشقا تىرىشىپ كەلمەكتىكەن. بۇنىڭ بىر روشەن ئىپادىسى بولسا ئۇلارنىڭ سلاۋىيان ئېلىپبەسىدىن لاتىن ئېلىپبەسىگە كۆچۈشىدە ئىپادىلىنىدىكەن.

بۇخارىي بۇ مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ: «قازاقىستان ھۆكۈمىتى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاينىڭ تەسىرىنىمۇ ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ. ئۇلار پەقەت خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى قۇۋۋىتىدىن ئۆز پايدىسىغا پايدىلىنىشنى كۆزلىمەكتە» دەپ كۆرسىتىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ نازەربايېف ھۆكۈمىتىنىڭ موسكۋا بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشقا تىرىشىپ كەلگەنلىكىنى، ئەمدى ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان توقايېف ھۆكۈمىتىنىڭ بولسا ئامېرىكانىڭ ياردىمىدە نۆۋەتتىكى سىياسىي جۇغراپىيەلىك ئۆزگىرىشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈۋېلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتىدۇ. شۇنداقلا قازاقىستاننىڭ داۋام قىلىۋاتقان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلىرى جەريانىدا توقايېف ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولىدىغان ھەمكارلىقنى داۋام قىلدۇرۇۋەرسە، خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ ئورنىغا چىقىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ زومىگەر بولۇپ قېلىشىغا يول ئېچىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بولسا ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئېغىر تەھدىتنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئاپتور مۇشۇ ئەھۋاللار ھەققىدە خۇلاسە چىقىرىپ: «ھازىر ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ ياخشى چارە قازاقىستاننىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن قوللاش، شۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يېڭى ھۆكۈمران كۈچ بولۇۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» دەيدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت