تەتقىقاتچى ئەلېن مېندوزا: «ئەنگلىيە ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ خىتايغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-08-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەنگىلىيەدە چىقىدىغان «قۇياش گېزىتى» دە 7-ئاۋغۇست كۈنى «بىز ئىتتىپاقدىشىمىز ئامېرىكا بىلەن بىرلىشىپ خىتايغا قارشى بۈيۈك ئۇرۇشقا قاتنىشىشىمىز ياكى زور سىياسىي خاتالىققا تەۋەككۈل قىلىشىمىز كېرەك» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى.

ماقالە ئەنگلىيە «ھېنرىي جېكسون ئىجتىمائىي تەتقىقات ئورگىنى» نىڭ قۇرغۇچىسى، تەتقىقاتچى ئەلېن مېندوزا تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، ئۇ ماقالىسىدە «ئەنگىلىيەنىڭ تارىختىن ساۋاق ئېلىپ، ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، خىتايغا تاقابىل تۇرۇشى ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاينى خەلقئارالىق نورمىلار بويىچە ئىش قىلىشقا كۆندۈرۈشى كېرەكلىكى» دەك بىر ئىدىيەنى ئالغا سۈرگەن.

ئۇ خىتاينىڭ ئەنگىلىيەگە سېلىۋاتقان مەبلەغلىرى ئەنگلىيە ئىقتىسادىغا بەلگىلىك پايدا ئەكەلگەن بولسىمۇ، ھەممە نەرسىنىڭ كۆرۈنگەندەك گۈزەل ئەمەسلىكىنى، جۈملىدىن خىتاينىڭ دېكتاتور بىر ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى، ئۆز پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قاتتىق دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئەڭ تىپىك ئۆرنىكىنىڭ نۆۋەتتە بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇشى ئىكەنلىكىدەك مىساللارنى بايان قىلىپ ئۆتكەن. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىمۇ ئۆز نېقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، ھەقىقىي يۈزىنى ئاشكارىلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاپتور ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق قانۇنسىز ھەرىكەتلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى دۆلەت سىرتىدىمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكى، مەسىلەن، ئۇنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىپ، ئۇ ئاراللارنى قوراللاندۇرۇۋاتقانلىقى، ئىران ۋە شىمالىي كورېيە بىلەن سودا قىلىپ، ئۇلارنىڭ يادرو سىناقلىرى ئۈچۈن ياردەملىشىپ، غەرب دۆلەتلىرىگە پايدىسىز بىر مۇھىت يارىتىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ مەبلەغلىرىنى ئالغان سىرىلانكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاقىۋەتتە خىتايغا يۆلىنىپ قالغانلىقىدەك پاكىتلارنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.

ئەلېن مېندوزا مۇلاھىزىسىدە ئامېرىكا خىتاينى رەسمىي ھالدا «پۇلنىڭ ئالماشتۇرۇلۇش قىممىتىنى كونترول قىلىدىغان دۆلەت» دەپ قارا تىزىملىككە ئالغان مۇشۇ پەيتلەردە ئەنگىلىيەنىڭمۇ تاللاشقا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ۋە «بىز خىتاينىڭ يۇقىرىقىدەك قوبۇل قىلغۇسىز يۈكسىلىشىگە كۆز يۇمۇپ، خىتاي پۇلىنىڭ داۋاملىق يانچۇقىمىزغا كىرىشىنى داۋاملاشتۇرامدۇق ياكى ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە ئادىل رىقابەتنى قوغدامدۇق؟ ئەلۋەتتە، ھېچكىم سودا ئۇرۇشى قىلىپ زىيان تارتىشنى خالىمايدۇ. ئەمما بۇ خىتاينى خەلقئارا قانۇنلارغا كۆندۈرۈش ئۈچۈن تۆلىنىشكە تېگىشلىك بىر بەدەل بولسا، ئۇ ھالدا مەن بۇنى تۆلەشكە ئەرزىيدىغان بىر بەدەل دەپ قارايمەن،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت