«چىكاگو مۇنبىرى» گېزىتى باش ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ۋە بىرمىنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-09-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكىنىڭ «چىكاگو مۇنبىرى» گېزىتى باش ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي بىلەن بىرمىنىڭ مۇسۇلمانلارنى خورلاش ۋە ئۇلارنى قىرغىن قىلىش قىلمىشىنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىردى.

«مۇسۇلمانلارنى جازالاش: بىرمىدىكى زۇلۇم ۋە خىتايدىكى خورلاش» سەرلەۋھىلىك مەزكۇر باش ماقالىدا، بىرما بىلە ن خىتاي ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنى جازالاش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ قىلمىشى ئوخشىمىسىمۇ، لېكىن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنىڭ ئىشەنچلىك، زۇلۇمنىڭ ناھايىتى قەبىھ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

باش ماقالىدا: «بىز بۇ ئىككى ۋەقەنى بىرلەشتۈرۈپ يېزىشتىكى مەقسىتىمىز قىرغىنچىلىق بىلەن لاگېرلارغا يىغىۋېلىشنى تەڭ ئورۇنغا قويماقچى ئەمەس. بەلكى ئاجىز مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قورقۇنچلۇق دەرىجىدە خورلاش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بۇ ئىككى ئىستىبدات دۆلەتنىڭ قىلمىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتۇر. بىرما ۋە خىتاي ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قىلمىشى چوقۇم جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك» دېيىلگەن.

باش ماقالىدا يەنە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىدىن بىئارام بولغانلىقى، ئۇنىڭ تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ۋە ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بەزى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋە كارخانىلىرىغا ئېمبارگو قويۇشى مۇمكىنلىكى ئەسكەرتىلگەن. باش ماقالىدا قەيت قىلىنىشىچە، «ئەگەر خىتاي پوزىتسىيەسىنى يۇمشاتمىسا، ئامېرىكىنىڭ تەدبىر قوللىنىشى زۆرۈر بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زالىملارچە مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر يېتەرلىك ھۆججەتلەر بار» ئىكەن.

«چىكاگو مۇنبىرى» گېزىتى ئامېرىكىنىڭ «ۋاشىنگتون پوچتىسى»، «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتلىرىدىن كېيىن لاگېرلار ھەققىدە باش ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينى تەنقىد قىلغان ۋە ترامپ ھۆكۈمىتىنى تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرغان نوپۇزلۇق گېزىتلەرنىڭ بىرى. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى بۇ يىل 8‏-ئايدا ئېلان قىلغان باش ماقالىسىدە، بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرىغا قاماپ باستۇرۇشتەك «خىتايدىكى بۇ ۋەھشىيانە تازىلاشقا بىز كۆز يۇمالمايمىز» دېگەن ئىدى.

يېقىندا مەزكۇر گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى مايكېل مورېلل ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ: «بىز 11‏-سېنتەبىردە جىددىي ئىنكاس قايتۇردۇق. ئەمدى بىز خىتايغا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشىمىز كېرەك» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، خىتاينىڭ قانۇنلۇق‏-قانۇنسىز ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىپ دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانماقچى بولۇۋاتقانلىقى، ئامېرىكىنىڭ ئۇنىڭغا تېز ئارىدا جاۋاب بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت