«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە بېسىم قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-10-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۈگۈن «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنى يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارقىلىق جازالاۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر كەڭ كۆلەملىك ماقالە ئېلان قىلىندى.

مەزكۇر ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكىدىكى ئاكتىپ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى روشەن ئابباس خانىم ئالدىنقى ئايدا ۋاشىنگتوندىكى بىر تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار ھەققىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر يىغىندا سۆزگە چىقىپ، ئارىدىن 6 كۈن ئۆتە-ئۆتمەيلا ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئاچىسى ۋە ھاممىسىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان. روشەن خانىم ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئامېرىكىدىكى پائالىيەتلىرى سەۋەبىدىن لاگېرغا قامالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.

خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا ئۇلارنىڭ يۇرتىدىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى پەش قىلىپ تۇرۇپ بېسىم ئىشلىتىش ھەرىكىتىنى قاتتىق كۈچەيتكەن ئىدى. ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە قولنى ئۇزارتىشى قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان بىر ئەھۋال»، دەپ تەكىتلىگەن. ماركو رۇبىيو ئەپەندى تېخى يېقىندا ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ‏(FBI) دىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە بېسىم قىلىش ۋە تەقىب قىلىش ئەھۋالىنى جىددىي تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

خەۋەردە يەنە، ۋىرىگىنىيە شتاتىنىڭ جۇمھۇرىيەت پارتىيەسى ۋەكىلى باربارا كومستوك خانىمنىڭ بۇ شتاتتا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ياشلاردىن فىرقەت جەۋدەتنىڭ لاگېرغا قامالغان ئانىسى مۇنەۋۋەر تۇرسۇننىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ خىتاي باش ئەلچىسى سۈي تىيەنكەيگە 3 قېتىم مەكتۇپ ئەۋەتكەنلىكى، ئەمما خىتاي تەرەپنىڭ جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

روشەن ئابباس خانىم «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە ئۆزىنىڭ بىر ئامېرىكا پۇقراسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ بەدىلىنى ئۆزى 21 ياش ۋاقتىدا ئايرىلىپ چىقىپ كەتكەن ئائىلىسى تۆلىمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا قانۇنلارغا ھۆرمەت قىلىپ، ئەخمىقانە ھەرىكەتلىرىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت