س ج ۋېرلىمەن: «مۇسۇلمانلارنىڭ خىتايغا قارشى ئورتاق بايقۇتى خىتاينى لاگېرلارنى تاقاشقا مەجبۇرلايدۇ»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-07-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكادىكى تونۇلغان ئوبزورچى ۋە تەتقىقاتچى س ج ۋېرلېمەن دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

ئۇ، «ئېكىسترا خەۋەرلەر» ناملىق تور بەتتە 4-ئىيۇل كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان ۋە ھەتتا تۈركىيە قاتارلىق چوڭ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى خىتايدىن قورقۇپ، سۈكۈت قىلىۋاتقان بىر پەيتتە ۋەزىپىنىڭ ئەمدى مۇسۇلمان خەلقنىڭ زىممىسىگە چۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

س ج ۋېرلىمەننىڭ قارىشىچە، دۇنيا نوپۇسىنىڭ 25 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان ۋە نوپۇسى 1 مىليارد 600 مىليوندىن ئاشىدىغان مۇسۇلمان خەلقى ئەگەر بىرلىكتە خىتاينى ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن بايقۇت قىلسا، چوقۇم نەتىجىسى چىقىدىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭغا دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى پەلەستىننى تىنچلىق يوللىرى بىلەن قوللاش ھەرىكىتى ياخشى بىر ئۈلگە بولالايدىكەن.

س ج ۋېرلىمەن ماقالىسىدە، بۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ خىتاي ئىقتىسادىدا زور تەسىر كۈچى بولغان خۇاۋېي، ئوپپو ۋە ۋىۋو قاتارلىق شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ۋە لىنوۋو قاتارلىق تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى شۇنداقلا يەنە خىتاينىڭ AirChina ، China Eastern قاتارلىق ھاۋا يوللىرىغا قارىتا بايقۇت ئېلان قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارنى ئېزىشىگە شېرىك بولۇۋاتقان ۋولكىسۋاگىن، كىرافت ھېينز، ئادىداس قاتارلىق چەتئەل ماركىلىرىنىڭمۇ ئوخشاشلا بايقۇت قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇ سۆزىدە، خىتاي ئىقتىسادىي داۋالغۇش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ خىتايغا قارشى بىر قىسىم ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇۋاتقان بىر پەيتتە، بىر يېرىم مىلياردتىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئورتاق ھەرىكىتىنىڭ چوقۇم خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان مۇئامىلىسىنى ئۆزگەرتىشكە، جۈملىدىن يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقاشقا مەجبۇرلىيالايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت