ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى: «ۋولكېسۋاگىن دىرېكتورىنىڭ خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇشىنى بىلمەسلىكى قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-04-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە ئاپتوموبىل شىركىتى - ۋولكېسۋاگىننىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. «ۋولكېسۋاگىن دىرېكتورىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلمەسلىكى قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە، ئۇنىڭ سۆزى «يىرگىنچلىك»، دەپ ئەيىبلەنگەن. ۋولكېسۋاگىننىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى دايېس يېقىندا شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە ب ب س نىڭ مۇخبىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. ۋولكېسۋاگىننىڭ باياناتچىسى كېيىنرەك ئۇنىڭ سۆزىنى تۈزىتىپ، شىركەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋىرى بارلىقىنى بىلدۈرگەن، شۇنىڭدەك «كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋولكېسۋاگىن گۇرۇھىنىڭ بارلىق سودا مۇناسىۋەتلىرىدىكى تۈپ پرىنسىپلىرىنىڭ بىرىدۇر» دېگەن بولسىمۇ، لېكىن دايېسنىڭ سۆزى خەلقئارا تاراتقۇلاردا زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» نىڭ 19‏-ئاپرېل ئېلان قىلغان تەھرىرات ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ راست ئەمەس. ئۇ زاۋۇتلىرى پۈتۈن خىتايغا تارقالغان بىر خەلقئارا شىركەتنىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىكنى بىلىشى كېرەك. ئۇنىڭ سۆزى، يىرگىنچلىك ۋە بىئارام قىلارلىق بولۇش بىلەن بىرگە، بۇ يەنە ۋولكېسۋاگىننىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقىلار ئۇچراۋاتقان مۇئامىلىگە قارىتا قايمۇقىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ».

ۋولكېسۋاگىن خىتايدا ئەڭ بۇرۇن زاۋۇت ئاچقان غەرب شىركەتلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ خىتايدىكى تۇنجى زاۋۇتى 1984‏-يىلى شاڭخەيدە قۇرۇلغان. ۋولكېسۋاگىن 2013‏-يىلى ئۈرۈمچىدە ئۆزىنىڭ تارماق ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنى قۇرغان ئىدى. «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» ماقالىسىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى جازا لاگېرلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكى، شۇنىڭدەك شاھىتلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پۈتكۈل رايوننى بىر تەقىبلەش تەجرىبىخانىسىغا ئايلىنىپ قالدى، دەپ قاراۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، «ۋولكېسۋاگىندەك بىر چوڭ شىركەت جازا لاگېرلىرىغا كۆز يۇمماسلىقى، بولۇپمۇ گېرمانىيەلىك بىر ئىجرائىيە دىرېكتورى تېخىمۇ بۇ لاگېرلار مەۋجۇت ئەمەستەك مۇئامىلە قىلماسلىقى كېرەك» دېيىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت