خىتاي ھۆكۈمىتى «بەش خىل تونۇش» نى ئۇيغۇر سەبىيلىرىگە سىڭدۈرۈشنى نىشان قىلماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-08-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يىللاردىن بېرى تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان «بەش خىل تونۇش چۈشەنچىسى» ھەققىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتىنى نۇقتىلىق ھالدا باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە تەتبىقلاشقا چاقىرىق قىلىشى زور دىققەت قوزغىدى.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 20-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مەخسۇس يىغىن ئېچىپ «بەش خىل تونۇش چۈشەنچىسى» نى مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدا ئومۇملاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ھەقتىكى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى جىڭ مەنلى مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ: «باشلانغۇچ مەكتەپ دەل ئوقۇغۇچىلاردا جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلار ھەققىدىكى چۈشەنچىنى، شۇنىڭدەك ‹بەش خىل تونۇش چۈشەنچىسى›نى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزىدىغان مەزگىل» دېگەن.

ئالاقىدار ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، «بەش خىل تونۇش چۈشەنچىسى» ئادەتتە «ئۇلۇغ ۋەتەننى ئېتىراپ قىلىش»، «جۇڭخۇا مىللىتىنى ئېتىراپ قىلىش»، «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئېتىراپ قىلىش»، «خىتاي كومپارتىيەسىنى ئېتىراپ قىلىش» ۋە «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزمنى ئېتىراپ قىلىش» نى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار جەزمەن ئۆزلىرىنى مۇشۇ بەش خىل ئۆلچەمگە باغلىشى لازىم ئىكەن. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن دوكتور قاھار بارات بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ: «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى كىچىكىدىنلا ئۆز مىللىتى ۋە ئۆز مەدەنىيىتىدىن تېنىشقا، شۇنىڭدەك ئۇنى ئىنكار قىلىشقا يېتەكلەش ئۇرۇنۇشى» دەپ كۆرسەتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت