خىتاي دائىرىلىرى پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئارخىپلاشتۇرۇپ بولغان

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-07-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا توختاۋسىز داۋام قىلغان «ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش» پائالىيىتى ھەققىدە تۈرلۈك مەلۇمات ۋە خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ كەلگەن ئىدى. 2-ئىيۇل كۈنى خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئومۇميۈزلۈك سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتىدىن دوكلات بەرگەن.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 3-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2016-يىلى باشلانغان ئومۇميۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرۈش پائالىيىتى ئۈچ يىل داۋام قىلغان. بۇ جەرياندا 53 مىليون ئادەم قېتىمدىن كۆپرەك سالامەتلىك تەكشۈرۈشى تاماملانغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئالدى-كەينى بولۇپ 40 مىليارد سوم (تەخمىنەن ئالتە مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) دىن كۆپرەك چىقىم سەرپ بولغان.

ئۇدا ئۈچ يىل داۋام قىلغان ئومۇميۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى جەريانىدا ئالاقىدار سەھىيە تارماقلىرى «چوڭ سانلىق مەلۇمات» تېخنىكىسىنى كۆپلەپ قوللانغان. بۇ جەرياندا سالامەتلىك تەكشۈرۈشىگە قاتناشقان كىشىلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى، كېسەللىك ئەھۋالى ۋە باشقا فىزىئولوگىيەلىك ئەھۋالى تەپسىلىي تەكشۈرۈلۈپ «چوڭ ساندان» غا كىرگۈزۈلگەن.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئالاقىدار خىتاي ئەمەلدارلار سۆز قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنىڭ بىرى «شىنجاڭدىكى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك تىنچلىقتەك باش نىشاننىڭ ئەمىلىشىشىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

گەرچە خىتاي دائىرىلىرى ئومۇميۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ھۆكۈمەتنىڭ «خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش» جەھەتتىكى خىزمەتلىرىنىڭ بىرى قاتارىدا تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئالاقىدار خەۋەرلەر بۇنىڭ يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ھېچقانداق مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئىشارە قىلماقتا. مۇھاجىرەتتىكى ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنچە زور مىقداردا مەبلەغ ئاجرىتىپ بىكاردىن-بىكارغا ئۇيغۇرلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ يۈرگىنى يوق. ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ بىئولوگىيەلىك ۋە فىزىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرىنى كەلگۈسىدىكى قەبىھ مەقسەتلىرى ئۈچۈن ئالدىن توپلاش،» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت