خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا يېڭى نۆۋەتلىك «ئومۇمى خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» نى باشلىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-03-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2016‏-يىلدىن بېرى مەجبۇرىي يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان يىللىق «ئومۇمى خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» يېقىندا يەنە باشلانغان.

بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر رايوندىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنى مەركەز قىلىپ ئېلىپ بارغان 4‏-قېتىملىق «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش ھەرىكىتى» دۇر.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ 25‏-مارت كۈنىدىكى خەۋەرلىرىدە 23‏-مارت كۈنى ئۆچىرەتتە تۇرۇپ سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى ساقلاۋاتقان پۇقرالارغا ئائىت ئۇچۇرلار كەڭ تارقىتىلغان. خىتاينىڭ رايوندىكى تۇنجى نۆۋەتلىك «ئومۇمى خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى» 2016‏-يىلى 3‏-ئايدا ئېلىپ بېرىلغان. ئەينى چاغدا ھەقسىز ۋە مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھەرىكەتنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا گۇمان قوزغىغان ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاينىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرى ۋە DNA ئەۋرىشكىسىنى يىغقانلىقى، ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ DNA ئۇچۇر ئامبىرىنى قۇرۇپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەزكۇر تەشكىلات يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ ئامېرىكادىكى «تېرمو فىشېر» ناملىق بىر شىركەتتىن DNA رەتلەش ئەسۋابى سېتىۋالغانلىقى، بۇ ئەسۋابنىڭ DNA ساندىنى قۇرۇشتا ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. يېقىندا بۇ شىركەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا DNA ئەسۋابلىرىنى سېتىشنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.

يېقىندا يەنە خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق تەجرىبىخانىنىڭ ئامېرىكا يەل ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر DNA مۇتەخەسسىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇنى 2 مىڭدەك ئۇيغۇرنىڭ DNA ئەۋرىشكىسى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى مەلۇم بولغان. «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي تەرەپ يەل ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئېلىپ بارغان ھەمكارلىقتا DNA ئارقىلىق ئۇيغۇرلار بىلەن باشقا مىللەتلەرنى قانداق پەرقلەندۈرۈشنى تەتقىق قىلغان. مەزكۇر ھەمكارلىق تۈرى ئامېرىكىدا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغان ئىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2018‏-يىلى 17 مىليون 492 مىڭ 300 ئادەمگە قارىتا سالامەتلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈشىنى 100% كە يەتكۈزگەن. بۇنىڭغا ھازىرغا قەدەر 4 مىليارد 68 مىليون يۈەن سەرپ قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت