خىتاي يېل ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى تەمىنلىگەن DNA ساندىنىنى ئۇيغۇرلارنى تەقىبلەشكە ئىشلەتكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-02-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا يېل ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، ئاتاقلىق DNA مۇتەخەسسىسى كېننىس كېدنىڭ خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق بىر تەتقىقات ئورنىنى DNA ساندىنى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ۋە بۇ DNA ساندانىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تەقىب قىلىشقا ئىشلىتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 21‏-فېۋرال ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي كېننىس كېد ۋە ئامېرىكىدىكى تېرمو-فېشىر بىئوتېخنىكا شىركىتىنىڭ ياردىمىدە ئۆزىنىڭ ناھايىتى مۇكەممەل بىر DNA ساندانىنى قۇرۇپ چىققان.

خەۋەردە، مەزكۇر DNA ساندانىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلىشى ۋە نازارەت قىلىشىغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2016‏-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىقياسىدا ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى قوزغىغان.

ئەينى چاغدا مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھەرىكەت كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ گۇمانىنى قوزغىغان. رادىيومىز دوختۇرخانا ۋە يەرلىك ئاھالىلەرنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق سالامەتلىك تەكشۈرۈشنىڭ بىر شەكىلۋازلىق ئىكەنلىكىنى بايقىغان ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇلتۇر بۇ ھەرىكەتنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى يىغىش ئىكەنلىكى، خىتاي ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ بۇ ئارقىلىق رايوندا غايەت زور DNA ساندانى قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

«نيۇ-يورك ۋاقتى» نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، كېننىس كېد ئۆزىدىكى DNA ساندانلىرىنى خىتاي تەرەپ بىلەن شېرىكلەشكەن ۋە شۇنداقلا خىتاي تەرەپ ئۇنى 2143 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ DNA ئەۋرىشكىسى بىلەن تەمىنلىگەن.


خىتاي تەرەپ بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلار بىلەن باشقا مىللەتلەرنى DNA ئارقىلىق قانداق پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسىغا ئېرىشكەن. «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، كېننىس كېد خىتاينىڭ بۇ DNA ئەۋرىشكىلىرىنى قانداق يىغقانلىقى ۋە نېمىگە ئىشلىتىدىغانلىقىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ: «مەن تېخى بۇ ئەۋرىشكىلەرنى ئورتاق تەتقىقات ئۈچۈن ئالماشتۇرۇۋاتىمىز، دەپ ئويلاپ قاپتىمەن» دېگەن. «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە يېل ئۇنىۋېرسىتېتى مەزكۇر ۋەقە ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان. ئۇنىۋېرسىتېت تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى روبېرت ئالپېرن «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىگە ئەۋەتكەن ئېلخەتتە، «بىز بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈۋاتىمىز» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت