«تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» خاتىرىسىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش چاقىرىق قىلىندى

2019-06-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ يىل 4-ئىيۇن كۈنى 1989-يىلىدىكى «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» نىڭ 30 يىللىق خاتىرىسى. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كومىتېتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىشتا مەسئۇلىيىتى بولغان بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا بېرىشكە چاقىردى. ئۇلار بۇنىڭدا ئۆزلىرىنىڭ «يەرشارى ماگنېتىسكى قانۇنى» نى كۆزدە تۇتۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.


4-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلىنغان باياناتتا مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسى تېنزېن دورجى «بەختكە قارشى1989-يىلى 4-ئىيۇندىكى بۇ ۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىدىكى مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ، جۈملىدىن دىنىي ئېتىقاد بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشىلەرنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى پايخان قىلىشتا قىلچە ئىككىلىنىپ قالمايدىغانلىقىدىن روشەن بىشارەت بەرگەن ئىدى. دەرۋەقە بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتى مىليونلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى تۇتقۇن قىلدى. ئىبادەتگاھ سۈپىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقان مەسچىتلەر، چېركاۋلار، تىبەت بۇتخانىلىرىغا تاجاۋۇز خاراكتېردىكى كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى كۆپلەپ ئورتاتتى» دەپ كۆرسەتتى.
باياناتتا مەزكۇر كومىتېت 2019-يىلى ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتتا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ۋە دىنىي زىيانكەشلىك پائالىيەتلىرىگە بىۋاستە جاۋابكار بولغان بىر تۈركۈم خىتاي ئەمەلدارلىرىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى پارتىيە سېكرېتارى، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى چېن چۇەنگونى «يەرشارى ماگنېتىسكى قانۇنى» بويىچە جازالاش تەكلىۋى بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى، چېن چۇەنگونىڭ بولسا تىبەتتىكى ۋاقىتلاردىلا بۇددىستلارغا زىيانكەشلىك قىلىشتا كۆپ ئىشلارنى قىلغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ.


باياناتنىڭ ئاخىرىدا تېنزېن دورجى«بۇ خىلدىكى قەبىھ قىلمىشلارغا ھەمدە مىليونلىغان بىگۇناھ ئاۋامنىڭ ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىغا ترامپ ھۆكۈمىتى قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرسا بولمايدۇ. ھازىر بۇ قىلمىشقا مەسئۇل خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا قوللىنىشنىڭ پەيتى يېتىپ كەلدى،» دەپ ئالاھىدە كۆرسىتىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت