ليەن يىجېڭ: «شى جىنپىڭنىڭ دۇنياغا ھۆكۈمران بولۇش چۈشى نېمە ئۈچۈن خاراب بولدى؟»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-05-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتىنىڭ قايتىدىن باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بارغانسېرى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىۋاتقانلىقى، ئەكسىچە ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىزچىل بۇ مەسىلىدە تەشەببۇسكار ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولۇشقا باشلىدى. خىتاي دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە يېڭى سىياسىي كۈچكە ئايلىنىۋاتقان مۇشۇنداق ئەھۋالدا شى جىنپىڭنىڭ خەلقئارادا ھە دېگەندىلا تەشەببۇسكار ئورۇنغا ئۆتەلمەسلىكى ھەققىدە پىكىر قىلغان خىتاي زىيالىيسى ليەن يىجېڭ بۇنى «شى جىنپىڭنىڭ دۇنياغا ھۆكۈمران بولۇش چۈشى خاراب بولدى» دەپ خۇلاسىلەيدۇ.

ئامېرىكادىكى داڭلىق گېزىتلەردىن بولغان «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 7-ماي سانىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدا ئاپتور ھازىر ھەممىلا كىشى كۆز تىكىۋاتقان ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە شى جىنپىڭنىڭ ھەقىقىي رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى باھالايدىغان ئەڭ مۇھىم سىناقلاردىن بولۇپ قالغانلىقىنى ئالاھىدە قەيت قىلىدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ تارىختىكى خىتاي رەھبەرلىرى ئىچىدە تۇنجى بولۇپ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنى ئوڭۇشلۇق بىر ياقلىق قىلىشقا قادىر بولالمىغان بىر رەھبەر بولۇپ چىققان. چۈنكى 1949-يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن تارتىپ بارلىق خىتاي رەھبەرلىرى دۇنياۋى كۈچ سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان چوڭ دۆلەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا مەنپەئەت يارىتىشقا تىرىشقان. ماۋ زېدوڭ دەۋرىدە «تىك-تاك توپ دىپلوماتىيەسى» ئارقىلىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى رىچارد نىكسوننىڭ خىتاي سەپىرى باشلانغان.

ئۇنىڭدىن كېيىنكى دېڭ شياۋپىڭ بولسا 1979-يىلى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جىممىي كارتېر بىلەن سۆھبەتلىشىپ، «بىر خىتاي» سىياسىتىنى ئېتىراپ قىلدۇرغان. كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى خۇ ياۋباڭ، جاۋ زىياڭ، جاڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىقلارمۇ ئوخشاش بولمىغان شەكىللەردە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنىڭ كويىدا بولغان. بۇنىڭ ھېسابىغا خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق ماللىرى ئامېرىكاغا كەلكۈندەك ئېقىپ كېلىپ، ئامېرىكا ئۈچۈن بىر پاتمان قىزىل رەقەمنى پەيدا قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى «ئېكسپورت» قىلغان كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى ئامېرىكادا يامراپ، ئامېرىكانىڭ ئىلمىي تەتقىقات مۇھىتىنى سېسىتىشقا باشلىغان. ئەمما شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن دۈشمەنلىشىش تەدرىجىي باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان.

شى جىنپىڭ دەۋرىدە ئامېرىكاغا قارشى دۈشمەنلىك ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى كونتروللۇقىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئەكس ئەتكەن. ئارقىدىنلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئاسىيادىكى مەۋجۇتلۇقىغا خىرىس قىلىشقا باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن تەيۋەن ئارىلى ۋە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى زېمىن داۋاسى ئوتتۇرىغا چىققان. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ئۈچۈن خىتاينىڭ ئەڭ زور تەھدىت ۋە رەقىب بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى بارغانسېرى روشەنلەشكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى دەل ئەنە شۇنداق تېرىسىگە سىغماي قالغاندا شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ سودا سۆھبىتىدە تەييارلىقسىز ھالدا تۇمشۇقىغا يەپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغان. ئىلاجسىز قالغان شى جىنپىڭ ھازىر سودا سۆھبىتىدىكى جازا مەسىلىسىدە بېشى قېتىپ پۇتى كۆيگەن توخۇدەك تېپىرلاپ قالغان ھەمدە تېزدىن ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئاسىيا ۋە ئوكيانىيەدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرگە خىتاي بازىرىدا تېخىمۇ كۆپ ئىمتىيازلارنى بېرىدىغانلىقىنى ئىشارە قىلغان.

ئاپتور مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ چىققاندىن كېيىن شى جىنپىڭنىڭ بۇ خىل دۇنياۋى ھۆكۈمران بولۇشى چۈشىنىڭ بەربات بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنى تارىخىي نۇقتىلاردىن چۈشەندۈرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئالدى بىلەن بۇ ھال ئەينى ۋاقىتتا خىتاي داھىيسى ماۋ زېدوڭنىڭ 1960-يىللاردا دۇنياۋى كۈچ بولغان سوۋېت ئىتتىپاقىغا شىلتىڭ ئېتىپ قويۇپ دەككىسىنى يېگىنىگە بەكمۇ ئوخشايدىكەن. خۇددى ماۋ زېدوڭغا ئوخشاش شى جىنپىڭمۇ ھازىر «ئۆزۈم تاپقان بالاغا، نەگە باراي داۋاغا» دېگەندەك ھالغا چۈشۈپ قالماقتا ئىكەن. ئىككىنچىدىن، شى جىنپىڭ خىتاي ئىقتىسادىدىكى ئۇزۇن مەزگىللىك ئاجىزلىقلىرىنى تۈگىتىدىغان بىر قاتار ۋە ئىزچىل سىياسەتلەرنى تۈزۈپ چىقىشقا قادىر بولالمىغان. ئۈچىنچىدىن، شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز پۇقرالىرىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى تەشكىلاتلارنى خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى ۋەيران قىلىدىغان قىلمىشلارغا رىغبەتلەندۈرگەن. مەسىلەن، خۇاۋېي شىركىتى ئۆز خىزمەتچىلىرىنىڭ I.P. ئوغرىلىق قىلمىشلىرىنى نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلىغان. بۇ خىلدىكى «ۋەتەنپەرۋەرلىك» تۈسىنى ئالغان ئوغرىلىق قىلمىشلىرىنى شى جىنپىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت