جوسېف باسكو: «قىزىل خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشى ئاپەتتىن باشقا نەرسە بولغان ئەمەس!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-06-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى سوغۇقچىلىقلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىغا قايتىدىن نەزەر سېلىش ھەمدە ئۆتمۈشتىكى تەجرىبىلەر ئاساسىدا بۇندىن كېيىنكى سىياسەتلەرنى ئويلىشىش ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر يېقىندىن بۇيان كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى خىتاي بۆلۈمىنىڭ سابىق دىرېكتورى جوسېف باسكونىڭ 24-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە مۇشۇ مەسىلىلەر نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، «20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى» غا خەلقئارادىكى باشقا رەھبەرلەرگە ئوخشاش كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىپ، گالستۇك تاقىغان ھالدا قاتنىشىشى مۇمكىن بولغان شى جىنپىڭنىڭ تەقى-تۇرقى خىتاي كومپارتىيەسى باشلاپ كېتىۋاتقان بۇ دۆلەتنىڭ تۈپلۈك ماھىيىتى ھەققىدە كىشىلەرگە خاتا ئۇچۇر بېرىپ قويۇشى ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەن. چۈنكى ھازىر ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى قىسمەتلەر كىشىلەرنىڭ يادىدىن خېلىلا كۆتۈرۈلۈپ قالغان، دېيىشكە بولىدىكەن.

ھالبۇكى، 1970-يىللاردا، يەنى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ئورنىتىلىشنىڭ ئالدى-كەينىدە شۇ ۋاقىتتىكى ئامېرىكا پرېزىدېنتى رىچارد نىكسون «قىزىل خىتاي» دەپ تونۇلۇۋاتقان بۇ مەملىكەتنىڭ ئاساسلىق مەسىلىلىرىنى ناھايىتىمۇ توغرا كۆرۈپ يەتكەن. ئۇ ئەينى ۋاقىتتىلا «بۇ خاپىغان كوممۇنىستىك دۆلەتنىڭ دۇنياغا كېلىشى ئۇنىڭ قوشنىلىرى ئۈچۈن بىر زور تەھدىت» دەپ كۆرسەتكەن ھەمدە غەرب دۇنياسىنى بۇ ھەقتە جىددىي ئاگاھلاندۇرغان. خۇددى نىكسون كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك، بۇ دۆلەت قۇرۇلۇپ بىرەر يىل ئۆتە-ئۆتمەيلا شىمالىي كورېيەنىڭ جەنۇبىي كورېيەگە تاجاۋۇز قىلىشىغا يېقىندىن ھەمدەمدە بولغان. ئاپتور مۇشۇ ئەھۋال توغرىسىدا توختىلىپ: «كورېيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە خىتاي دۆلىتى تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىپ، بۇ جايلاردا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى باشلىۋەتتى» دەيدۇ.

ئاپتورنىڭ يېزىشىچە، خىتاينىڭ بۇ جەھەتلەردىكى ئىنتىلىشلىرى ئۇنىڭ «پۈتۈن دۇنياغا يېيىلغان جاھانگىرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قورچاقلىرىنى يوقىتىش» ھەققىدىكى چاقىرىقلىرىدىمۇ ئەكس ئېتىدىكەن.

ئەينى ۋاقىتتا رىچارد نىكسون «خىتاينى ئۆزگەرتىش» نى قەتئىي تەشەببۇس قىلغان ھەمدە خىتاينىڭ ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىشىنىڭ تولىمۇ زور بىر خەتەردىن بېشارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بۇ ھال داۋام قىلىۋەرسە 3-دۇنيا ئۇرۇشى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە خىتاي دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا ئالدىرىماسلىق، خىتاينى ب د ت غا ئېلىپ كىرمەسلىك ۋە باشقا سودا ئىمتىيازلىرىنى بەرمەسلىك دېگەنلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما ئاخىرىدا يەنىلا رىچارد نىكسون ۋە ھېنرىي كىسىنگىر تەيۋەن بوغۇزىدىكى ئامېرىكا فلوتىنى چېكىندۈرۈپ كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىنكى تارىخقا نەزەر سالغاندا نىكسوندىن بۇيانقى بارلىق ئامېرىكا رەھبەرلىرى ئاساسىي جەھەتتىن نىكسوننىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنىڭ ئەكسىچە ئىش تۇتۇپ كەلگەن. بۇنىڭ بىلەن ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى بالايىئاپەتلىك يىللار ئاخىرلاشقاندىن كېيىن 1989-يىلىدىكى «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى»، سىياسىي ئۆكتىچىلەرنىڭ قاماققا ئېلىنىشى، مەجبۇرىي ھامىلە چۈشۈرۈش ۋە ئىچكى ئەزا سودىسى، خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى مىليونلاپ لاگېرغا قاماش دېگەنلەر ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىققان.

ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا شى جىنپىڭنىڭ ھازىر بارلىق چۈمپەردىسىنى تولۇق يۇلۇپ تاشلىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن ھالدا ئەمدىكى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە قانداق يول تۇتۇش كېرەكلىكى ھەققىدىكى ھۆكۈمنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆزىگە قالدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بىر قېتىم باش كۆتۈرۈۋاتقان «قىزىل خىتاي» دۆلىتىنىڭ ھازىر ئۆز قەددىنى رۇسلىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت