پاكىستان باش مىنىستىرى: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋىرىم يوق»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-01-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمرانخان 8‏-يانۋار كۈنى تۈركىيە مەتبۇئاتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋىرى يوقلىغىنى بىلدۈرگەن.

ئىمرانخان يېقىنقى 10 كۈن ئىچىدە چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئالغا دۇچ كەلگەن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك 2‏-پاكىستان ئەمەلدارىدۇر.

يېقىندا پاكىستان پرېزىدېنتى ئارىف ئالۋى ئەل-جەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاينى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئالۋىنىڭ سۆزى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.

پاكىستان «ئالاھىدە مۇنبىرى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىمرانخان 8‏-يانۋار كۈنى تۈركىيە رادىئو-تېلېۋىزىيەسى دۇنيا قانىلى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يۇقىرىقى سۆزنى قىلغان. ئۇ مۇخبىرنىڭ «سىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ناھايىتى يېقىن سودا مۇناسىۋىتىڭىز، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلماسلىقىڭىز كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرەمدۇ» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ غەربىي-شىمال ئۆلكىسى بولغان شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن كۆپ خەۋىرى يوقلىغىنى بىلدۈرگەن. ئىمرانخان بۇ سۆزنى ب د ت، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى، ئۇلارنى دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيىتى، ۋە تىلىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقى، لېكىن ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بىر مەزگىلدە قىلغان.

ت ر ت مۇخبىرىنىڭ «تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە كۆز يۇماقتا» دەپ تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان بىر ۋاقىتتا پاكىستان باش مىنىستىرىدىن بۇ سوئالنى سورىشى دىققەت قوزغىدى. ئىمرانخاننىڭ ت ر ت مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي پاكىستان بىلەن نۇرغۇن ساھەلەردە ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي بۇ ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ تەپسىلاتىنى ئېلان قىلىشىنى خالىمايدىكەن.

پاكىستان «ئالاھىدە مۇنبىرى» گېزىتى «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، نۆۋەتتە 20 ياش بىلەن 79 ياش ئارىلىقىدىكى بىر مىليون 100 دەك ئۇيغۇرنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى، بۇ ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئون بىر يېرىم پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت