پاكىستان يەنە بىر دېۋىزىيە ئالاھىدە قىسىم قۇرۇپ، خىتاي پۇقرالىرىنى قوغدايدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-05-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

پاكىستان ئارمىيەسى كۆلىمى بىر دېۋىزىيەگە تەڭ كېلىدىغان يەنە بىر ئالاھىدە قىسىم قۇرۇپ، پاكىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرىنى ۋە قەشقەر-گۋادار ئىقتىسادى كارىدورىنى قوغدايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

«ھىندىستان ئېكسپرېس» گېزىتىنىڭ 19‏-ماي خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان ئارمىيەسى ئۆتكەن ھەپتە بالۇجىستان ئۆلكىسىنىڭ گۋادار پورتىدىكى بىر بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانا بالۇجىستان قوراللىقلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئالاھىدە قىسىم قۇرۇشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. مېھمانخانىغا قارىتىلغان قوراللىق ھۇجۇمنى «بالۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى» ناملىق بىر قوراللىق تەشكىلات ئۈستىگە ئالغان. مەزكۇر تەشكىلات ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ كاراچىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان. بۇ قېتىم گۋاداردىكى «مەرۋايىت» مېھمانخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 3 نەپەر ھۇجۇمچى بىلەن بىر پاكىستان ئەسكىرى ۋە 4 نەپەر پۇقرا ئۆلگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى پاكىستانغا 50 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىپ، قەشقەر بىلەن گۋادار ئىقتىسادىي كارىدورىنى قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان بۇ قۇرۇلۇش ئوخشاشلا بالۇجىستان خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئۇلار خىتاي بىلەن پاكىستاننى بالۇجىستان خەلقىنىڭ تەبىئىي بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش، بالۇجىستاننىڭ مۇھىتىنى ۋەيران قىلىپ، خەلقىنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ كەلگەن. گۋاداردىكى قوراللىق ھۇجۇم خىتاي ھۆكۈمىتى 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادى، ئەنئەنىلىرىنى چەكلىشى خەلقئارا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغان، پاكىستان ئۇيغۇرلارنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا كۆز يۇمۇش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە يۈز بەرگەن. پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى گېنېرال ئاسىف غافۇرنىڭ ئۆتكەن شەنبە كۈنى خىتاي تاراتقۇلىرىغا ئاشكارىلىشىچە، ئۇلار قۇرماقچى بولغان ئالاھىدە قىسىم 9 مىڭ پاكىستان ئارمىيەسى، 6 مىڭ قوراللىق ساقچىدىن تەشكىل قىلىنىدىكەن. ئۇ، بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى كونترول ئاستىدا بولسىمۇ، لېكىن پاكىستان «تېررورلۇق ئۇرۇشىنىڭ كۈچلۈك خىرىسىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى» نى تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت