ئارسالان ئىپتىخار: «پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ئۇيغۇرلارنى ئوتقا ئىتتەرمەكتە!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-03-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھدىسى مۇھەممەد بىن سالمان يېقىنقى خىتاي زىيارىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەش قىلىشى» نى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

پاكىستانلىق ئەۋلادىدىن بولغان ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى ۋە ئوبزورچى ئارسالان ئىپتىخار ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى جورجىتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتى نەشر قىلىۋاتقان «كۆۋرۈك» ژۇرنىلىدا مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنى كۆرمەسكە سېلىۋېلىشىنى «ئۇيغۇرلارنى ئوتقا ئىتتەرگەنلىك» دەپ ئەيىبلىدى.

ئاپتور ماقالىسىدە ئىسلام دىنىدىكى ئەڭ مۇقەددەس ئىككى ھەرەم جايلاشقان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە 200 مىليونلۇق مۇسۇلمانلار نوپۇسىغا ئىگە پاكىستاننىڭ مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا سىمۋوللۇق مەملىكەتلەر ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، ھالبۇكى مۇشۇ ئىككى مەملىكەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ئىسلام دىنىغا قارشى ئىرقىي تازىلاش ھەرىكىتىنى، شۇنىڭدەك مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئىسلام ئېتىقادى سەۋەبلىك جازا لاگېرلىرىغا قامىلىشىدەك رېئاللىقنى ئەيىبلەشنى رەت قىلغانلىقىنى «پۈتۈن دۇنيانى ھەيرەتتە قالدۇرىدىغان ئىش» دەپ تەنقىدلىدى.

ئارسالاننىڭ ماقالىسىدە ئۇيغۇرلار مىليونلاپ قاماققا ئېلىنىۋاتقان، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىسلام ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىپ چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقان، خەلقئارا جامائەت ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنى «ئىرقىي تازىلاش» دەپ يەكۈن چىقىرىۋاتقان ئەھۋالدا ئىسلام دۇنياسىدىكى غوللۇق شەخسلەر بولغان مۇھەممەد بىن سالمان ۋە پاكىستاننىڭ باش مىنىستىرى ئىمران خاننىڭ بۇ مەسىلىلەرگە قۇلاق يوپۇرۇۋېلىشىنى «ئادەمنى شۈركەندۈرۈۋېتىدۇ» دەيدۇ. شۇنىڭدەك بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت