مايا ۋاڭ: «پاكىستان ئۇيغۇرلاردىن باشقا ھەممە مۇسۇلمانلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-04-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۈگۈن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ «خەۋەر ھەپتىلىكى» ژۇرنىلىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خاننىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىۋاتقان ئىككى يۈزلىمىچىلىكىنى تەنقىد قىلدى.

«پاكىستان يېقىن شېرىكى خىتاي زۇلۇم قىلىۋاتقانلاردىن باشقا ھەممە مۇسۇلمانلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ» دېگەن كىنايىلىك ماۋزۇ قويۇلغان بۇ ماقالە دەل ئىمران خاننىڭ كېلەر ھەپتە خىتايغا قىلىدىغان رەسمىي زىيارىتى باشلىنىش ئالدىدا ئېلان قىلىنغان.

مايا ۋاڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىمران خان پاكىستاندا بىر ئۆكتىچى سىياسەتچى مەزگىلىدىلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن ئاكتىپ ئاۋاز چىقىرىپ كەلگەن بىر شەخىس ئىكەن. ئۇ 2017-يىلى ب د ت باش كاتىپىغا مەكتۇپ يوللاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنى قوغداش ئۈچۈن يېتەرلىك كۈچ چىقارمىدى، دەپ قاتتىق تەنقىد قىلغان بولسا، تېخى يېقىندا يېڭى زېلاندىيەدىكى مەسچىتتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدىن كېيىن تىۋىتتېردا ئېلان قىلغان يازمىسىدا «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن 1 يېرىم مىلياردقا يېقىن مۇسۇلمانلارنىڭ تېررورچىلار بىلەن ئوخشاش بىر تاياقتا ھەيدەلگەنلىكىدىن شىكايەت قىلغان.

مايا ۋاڭ ماقالىسىدە ئىمران خاننىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشتا ناھايىتى ئاكتىپ بىرى بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا كەلگەندە «مېنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرىم يوق» دەپ ئولتۇرۇۋېلىشىنىڭ ئالاھىدە دىققەت تارتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئىمران خان بۇ يىل 3-ئايدا «مالىيە ۋاقتى گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇخبىرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرغا قامىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا «مەن بۇ ھەقتە كۆپ نەرسە بىلمەيمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى.

مايا ۋاڭ ماقالىسىدە پاكىستاننىڭ ھازىر خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم دۆلەت ئىكەنلىكى ۋە ھىندىستاننىڭ ئۆز تېررىتورىيەسى ئىچىدىكى قوراللىق گۇرۇپپىلارغا قارشى ھەرىكەت قوزغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا خىتايغا ئېھتىياجى بارلىقى نۇقتىسىدىن ئىمران خاننىڭ بۇ مەسىلىنى كۆرمەسكە سېلىۋېلىشىنى قىسمەن چۈشىنىشكە بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئەمما ئۇ پاكىستاننىڭ ب د ت دىكى ۋەكىللىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە خىتاي ئۈچۈن ياقا يىرتىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسۇلمان پۇقرالىرىنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىۋاتىدۇ» دەپ جار سېلىشىنى چۈشىنىشنىڭ ھەقىقەتەنمۇ قېيىنلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت