ئۆزبېكىستان خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز سادا
2019-08-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇلئەزىز كامىلوف 19-ئاۋغۇست كۈنى سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇش ھەققىدە مۇزاكىرىلەشكەن.

خىتاينىڭ كانىيى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، سۆھبەت جەريانىدا ۋاڭ يى خىتاي-ئۆزبېكىستان ئىككى تەرەپنىڭ ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىپ كەلگەن مۇستەھكەم سىياسىي ئىشەنچ ۋە يۇقىرى نەتىجىلىك «بىر بەلۋاغ بىر يول» ھەمكارلىقىدىن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئابدۇلئەزىز كامىلوفنىڭ ۋاڭ يىنىڭ سۆزلىرىگە ئىنكاس بىلدۈرگەنلىكىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. ئۇنىڭدا كامىلوفنىڭ خىتاينىڭ «بىر دۆلەت سىياسىتى» نى شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاتالمىش «ئەسەبىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش» چارىسىنى قوللايدىغانلىقىنى، چەتئەل دۆلەتلىرىنىڭ بۇ ئىشقا ئارىلىشىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى تەكىتلىگەنلىكى بايان قىلىنغان.

2-ئىيۇل تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتايدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، «شىنخۇا تورى» ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى خەلقلەرنىڭ ئىنتايىن بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقاتقان ئىدى. ھالبۇكى، تۈركىيە تاراتقۇلىرى كېيىن ئەردوغاننىڭ بۇ سۆزلىرىنى خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ «خاتا تەرجىمە» قىلىپ قوللانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قوللانغان سىياسىتىنى قوللاپ ئىمزا قويغان 50 دۆلەتنىڭ ئىچىدە ئۆزبېكىستانمۇ بار ئىدى. ئەمما شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىنغان ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن شۇ جايدا دېيىلگەن ياكى دېيەلمىگەنلىكى نامەلۇم.

تولۇق بەت