«مۇسۇلمانلار ژۇرنىلى» دا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قوللاش ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىندى

مۇخبىرىمىز سادا
2019-05-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ مىللىي ۋە دىنىي زۇلۇملىرى ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قوللاش پائالىيەتلىرى خەلقئارادا جىددىي تۈس ئېلىۋاتقان بىر مەزگىلدە «مۇسۇلمانلار ژۇرنىلى» نىڭ بۇ ئايلىق سانىدا «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قوللاش» تېمىسىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى.

ماقالىدە يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇشى، ئاياللارنىڭ ياغلىق ئارتىپ، ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشى پۈتۈنلەي چەكلەنگەنلىكى، يۇقىرىقىلارنىڭ بىرىنى قىلىپ قالغانلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئاتالمىش «دىنىي ئاشقۇنلۇق ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان» دېگەن قالپاق بىلەن لاگېرلارغا تاشلىنىدىغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

ئۇنىڭدىن باشقا ماقالىدە يەنە ئاتا-ئانىسى خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئەكېتىلگەن، ئىگە-چاقىسىز قالغان 500 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ تىرىك يېتىمغا ئايلىنىپ قالغانلىقىدەك ئېچىنىشلىق پاجىئەلەرمۇ بايان قىلىنغان.

ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولانغان ئۇيغۇرلار پەقەت مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈنلا خىتاينىڭ زور كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش نىشانىغا ئايلانماقتىكەن ۋە ئىنسانىي خورلۇقلارغا ئۇچرىماقتىكەن.

ماقالىدە ئامېرىكانىڭ چىكاگو شەھىرىدىكى ئەل-تەقۋا مەسچىتىنىڭ ئىمامى تارىق ئەل ئەمىننىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قوللاش ھەققىدە قىلغان سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز سىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە تولۇق بىر چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشۇڭلارنى ھەم شۇلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.»

كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكادىكى «مۇسۇلمانلار ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنىشى غەربتىكى مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ بۇ مەسىلىنى ئىسلام دۇنياسىغا يېيىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ، دەپ قارىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت