مايك پومپېيو: «گېرمانىيە شىنجاڭدا تۇتقۇن قىلىنغان بىر مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمانغا كۆڭۈل بۆلۈشتە ئۈلگە بولدى»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-06-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بېرلىندا گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خەيكو مائاس بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، گېرمانىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشتە ئۈلگىلىك رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مايك پومپېيو ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرى گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مائاس ۋە باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېل بىلەن ئىران مەسىلىسى، رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر، خىتاي بىلەن بولغان سودا ئۇرۇشى، بىخەتەرلىك ھەم خۇاۋېي شىركىتى مەسىلىسى قاتارلىق كۆپ تېمىلاردا سۆزلەشكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، مايك پومپېيو ئاخبارات يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: «گېرمانىيە خەلقى بىخەتەرلىككە، ئۆز خەلقىنىڭ شۇنداقلا دۇنيانىڭ ئەركىنلىكىگە قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلىپ كەلدى. گېرمانىيە خىتاي ئۆكتىچىلىرىنى قارشى ئېلىش، شىنجاڭدىكى بىر مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان تۇتقۇنلارغا ۋە باشقا ئاز سانلىقلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىش جەھەتلەردە مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەرگە ئۈلگە يارىتىپ بەردى.»

مايك پومپېيونىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇ گېرمانىيەنىڭ يۇقىرىقى مەسىلىلەردە ئۈلگىلىك رول ئويناپلا قالماي، خىتاينىڭ خىيانەتچىلىك، جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە ۋە ئادالەتسىز سودا قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇش جەھەتلەردە يېتەكچىلىك رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. ئۇ يەنە مائاس بىلەن خۇاۋېي ۋە 5گ ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىز خۇاۋېي ۋە 5گ ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنىڭ قانداق خەتىرى بارلىقىغا قارىتا ناھايىتى ئېنىق تونۇشتا بولدۇق» دېگەن.

مايك پومپېيونىڭ زىيارىتى دەل خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى ۋاڭ چىشەن گېرمانىيەنى زىيارەت قىلىۋاتقان ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان. ۋاڭ چىشەن خىتاي ھۆكۈمىتى مىليونلىغان ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، 2‏-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسىنى پەيدا قىلغان بىر مەزگىلدە گېرمانىيەگە يېتىپ كەلگەن ئىدى. گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيە يېشىللار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى مارگارېتتا باۋزى خانىم بىلەن كاتېرىن گۆرىڭ ئېكارت «فرانكفورد ئوبزورچى» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە ۋە ئۇنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ھەقەمسايىلىرىنىڭ مەيلى 30 يىل بۇرۇنقى «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» دا بولسۇن ياكى ھازىرقى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرىدا بولسۇن، جاۋابكارلىقى بار شەخسلەرنى جازالىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت