كەشمىر ھۆرىيەت يىغىنىنىڭ رەئىسى گېلانى: «پاكىستان ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەش مەسئۇلىيىتى بار»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-06-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىردىكى «ھۆرىيەت يىغىنى» ناملىق سىياسىي پارتىيە ۋە ئىجتىمائىي گۇرۇھلارنىڭ بىرلەشمە ئورگىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقۇن مۇئامىلىسىنى تەنقىدلەپ، پاكىستان بىلەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ سۆزلەرنى پاكىستان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە كۆز يۇمۇۋالغان بىر مەزگىلدە ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىردىكى بىر مۇسۇلمان تەشكىلاتىنىڭ قىلىشى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

ئۆزلىرىنى دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھاممىسى، دەپ كېلىۋاتقان پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ 2 مىليوندەك مۇسۇلماننى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى چەكلىشىگە سۈكۈت قىلىشى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەنىدى. «ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا مالىيە تورى» ناملىق تور ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كەشمىر «ھۆرىيەت يىغىنى» نىڭ رەئىسى سەيت ئالى شاھ گېلانى يېقىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان باستۇرۇشىنى «ھەقسىزلىق، غەيرىي ئىنسانىيلىق» دەپ ئەيىبلەپ، «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا تۇتقان رەھىمسىز مۇئامىلىسى كۆپ سانلىقنىڭ زۇلۇمى ۋە دىنىي ئۆچمەنلىكنىڭ ئەڭ يىرگىنچلىك شەكلى. بۇ ھەر بىر ۋىجدانلىق ئىنساننىڭ ئومۇرتقىسىنى سىلكىۋەتكۈدەك ھادىسە» دېگەن. گېلانى يەنە پاكىستان دائىرىلىرىنى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ «باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان قېرىنداش ئۇيغۇر ئەركەك-ئاياللار ئۈچۈن سۆزلەش مەسئۇلىيىتى بار» لىقىنى تەكىتلىگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، پاكىستان بىلەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى كەشمىرنىڭ «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى ھەل قىلىش» ھەرىكىتىنى قوللاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن گېلانىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزى ئۇنىڭ پرىنسىپ ۋە ئىسلامى ئەھكاملاردا چىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. 

خەۋەردە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تراگېدىيەسى كەشمىر ئۈچۈن، بولۇپمۇ پاكىستان بىلەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھىندىستاننىڭ ب د ت نىڭ كەشمىر ھەققىدىكى قارارلىرىنى ئىجرا قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، دەپ قارايدىغانلار ئۈچۈن بىر ساۋاق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت